خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Monday, October 26, 2009

ئاتا مىراس نەسىھەتلەر


تەرجىمە ئەسەر

ﺋﻮﻏﻠﯘم!
ﺳﻪن ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﺴﯧﭙﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق دورا - ﺋﻮﻛﯘﻟﻐﺎﻣﻮﮬﺘﺎج ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺶ - ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﯔ، ﻛﯚﯕﯜل - ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
  ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻞ:
 
 ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪ؛
  ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﺳﯘن، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﯚزﯨﻨﻰ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕلاﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟال؛
  ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﻪ، ﺗﺎﺳﺎدﯨﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدە، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﯖﺪە ﺳﺎﻗلا؛
ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﺧﯘددى ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﮕﻪﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯘراپ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ، ﻣﯘﺑﺎدا ﭘﯘرﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ، ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﯩﺴﻪن؛
  ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻞ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﺎﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﻪن؛دوﺳﺘﯘڭ ﺋﺎزاﺑلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻳﯧﻘﯩﻨلاﺷﻘﯩﻦ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ دوﺳﺘﯘڭ ﺧﯘﺷﺎﻟلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻦ؛
  ﺋﯚز ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﯔ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮل؛ﺋﻪﺗﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪن ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪن ﺋﻪﻣﻪس؛
  ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎردەم ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺳﯘﻧﻐﯩﻦ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلار دەل ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﯩﯖﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
  ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎﻳﻐﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻤﻪ،«ئاﻟﺘﯘن ﺳﺎپ ﺑﻮﻟﻤﺎس، ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﺎدەم (ﺑﻮﻟﻤﺎس)» دﯦﮕﻪن ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪە ﺗﯘت؛ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜڭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن، ﺋﻪڭ ﺧﯩﺮە ﻳﯘﻟﺘﯘزﻣﯘ ﻗﺎراﯕﻐﯘدا ﻳﻪﻧﯩلا ﻛﯚزﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪۇ؛ﮬﺎﻣﺎن ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﺳﻪۋرﭼﺎن ﺑﻮل.
  ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺎڭ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﭘﺴﺎقلا ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﺑﺎﺷﻘىلارﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﻪن.

(ﺳﺎﺗﺘﺎر ﻏﻮﭘﯘر ﻗﻪﻟﻪﻣﻴﺎر ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)
 مەنبە : «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژۇرنىلى سەلتەنەت تورى

ھەممىنى ئوقۇش

Wednesday, October 14, 2009

مۇھەببەت ھەققىدە

مۇھەببەت ئانىنىڭ مېھىرلىك سۆيۈشى ۋە دادىنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى.
مۇھەببەت ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا چىن-كوڭلىدىن سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈلى،ئۇ بولسا كىچىك بالىغا بولغان كۆيۈنۈش.

مۇھەببەت دوستلۇق دەرىخى.
مۇھەببەت بىر-بىرىنى چۈشىنىش ھەمدە قوللاش.

مۇھەببەت باشقىلارغا كەڭچىلىك قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش.
مۇھەببەت ئاسماندىكى مەڭگۈ پاتماس قۇياش.

مۇھەببەت ئىلھامنىڭ بۇلىقى.
مۇھەببەت كۆڭۈل يارىسىنى داۋالايدىغان خاسىيەتلىك دورا.

مۇھەببەت تۈن كېچىدىكى شام،ئۇ قەھرىتاندىكى مەش.
مۇھەببەت بىر تال ئاچقۇچ ،ئۇ ئارقىلىق قەلب ئىشىكىڭىزنى ئاچالايسىز ھەمدە تاقىيالايسىز.

مۇھەببەت چەكسىز قۇملۇقتىكى بىر يېشىللىق ئارىلى، ئۇ ھېرىپ-ئاچقان يولۇچىلارغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.
مۇھەببەت دېڭىزدىكى بىر پورت،ئۇ چارچىغان ماتروسقا ئاراملىق ھېس قىلدۇرىدۇ.

مۇھەببەت يېقىملىق ئىللىق شامال ،ئۇ ھاياتتىكى ئەندىشىسزلىك ۋە ئازابلارنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
مۇھەببەت <مۇئەللىم> نىڭ ئاغرىق ھالدا دەرس سۆزلىگەندىكى ئىرادىسى.

مۇھەببەت دەرس ئارىلىقىدىكى مۇئەللىمگە سۇنۇلغان بىر پىيالە ئىسسىق چاي.
مۇھەببەت دادا-ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەۋەتىلگەن مۇبارەكنامە.

مۇھەببەت ئىنسانلاردىكى بىر خىل ئۆزگىچە ھەم قىممەتلىك ھېسسىيات.
قىسقىسى، مۇھەببەت ھەممە......

ھەممىنى ئوقۇش

Saturday, October 10, 2009

ۋىكىپېدىيا ئۇيغۇرچىسدا ئىككى مىڭ پارچە ماقالە بار

wikipedia ئۇيغۇرچىسى بىر ئىككى يىل بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ئېلان قىلىنغان مەزمۇن 1,963 پارچىغا يەتتى. بەت سانى 5,973گە يەتتى.http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Betwikipediaنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرى بار بۇلۇپ بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.
Commons
Wikiquote
Wikispecies
WikinewsWikibooks
WikiversityWiktionary
Wikisource
Meta-Wiki
«تاما،تاما،كۆل تولار»دېگەن گەپ بار،ھەركىم ئازدۇر كۆپتۇر كۇچ چىقارساق بۇ يەردىن ياخشى پايدىلىنالايمىز.بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرتۆۋەندىكى ئادرىستا بار.
بىلىك مۇنبىرىدە:http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21786.html
ئىزدىنىشتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ماقالە
UKİJدە يېزىلغان ماقالە
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=512مەن نورمالدا ماقالە يوللاپ تۇرۇۋاتىمەن. تەرجىمە قىلىۋاتقانلار بارمۇ؟تورداشلارغا بۇ يەرگە كۈچ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يەردە ساقلىنۋاتقان مەسىللەر:
1،ئىملا خاتالىقى
بۇنداق بولغاندا Google قاتارلىق ئىزدەش ماتۇردىن ئىزدىگەندە ئىزدىگەن مەزمۇن تېپىلمايدۇ. باش بەتتىكى خاتالىقنى مەن باشقۇرغىچىغا دىگەن ئىدىم. ئۇ كىشى ئۇ خاتالىقلار تۇزتىلىشتىن بۇرۇن باشقۇرغىچلىقتىن ئىستىپا بەردى.
2، باشقۇرغۇچى يوق. ئەسلىدىكى باشقۇرغۇچى ۋەزىپىسنى ئاخىرلاشتۇردى. يېڭدىن باشقۇرغۇچى بولغانلار يوق. باشقۇرغۇچى بەزى نەرسىلەرنى خالىغان كىشى ئۆزگەرتەلمەيدىغان قىلىپ قۇيالايدۇ. باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۇچۇن ئۆزى ئىلتىماسى قىلىپ بۇلالايدۇ.
3، تۈرلەرگە ئايرىش يوق. قاراخانىلار دۆلتىگە ئائىت مەزمۇننىڭ ئۆزبىكچىسىدە ناھايىتى ياخشى تۈرگە ئايرىغان. خىمىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ خەنزۇچىسىغا قارسىڭىز ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تۈرلەرگە ئايرىلغان. بۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەن كىشى بىر قاراپلا خېلى نەرسىنى ئۆگنىۋالايدۇ.
4،ئنگلىزچە ۋە خەنزۇچە،تۈرك تىلىدىكى باش بەت ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىز ھەر كۈنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزگىردىغان قىلايلى.
5،ئۇيغۇر سىلاۋيان(كىرىل) يېزقىنى قېتىشىمىز كىرەك.
6،تەھرىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە قىلساق.
9، wikipediaنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرى نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتلىرنى ئېچىشىمىز كىرەك. ھازىر ئۇيغۇرچىدا پەقەت بىرلام مۇلازىمەت شەكلى ئۇچۇق. Commons قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق.

ھەممىنى ئوقۇش

Thursday, October 8, 2009

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر

ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر
ئىلمى ماقالە-مەلۇم بىر ساھەدىكى ئىلمى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان نەزەرىيىۋى ماقالىدۇر.مەيلى تەبىئي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسۇن، ئۆزىنىڭ شەخسى پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كاللىسىدا مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئاللىقاچان ئويلىنىپ بولغان، ماتېرىياللارنى توپلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى قەغەز يۈزىگە ئىلمىي ماقالىنىڭ تەلىپى بويىچە چۈشۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە.گەرچە بەزى ماقالىلىرىدە يېڭى تېما يورۇتۇلغان، يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان، كىشلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، شەكلى ئۆلچەملىك بولماسلىق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنماي بىر ياققا تاشلىنىپ قالماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولىشى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا بەزى ناچار خاھىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.مەن بۇ يازمىنى ئەنە شۇنداق كىشىلىرىمىزگە ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە تەييارلىدىم. بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلارغا ئازراق نەپ يەتسە، مەن شۇنىڭدىن مىننەتدار.تۆۋەندە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى، يېزىلىش شەكلى، قۇرۇلمىسى، نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.


1. ئىلمى ماقالىنىڭ ئالاھىدىلىكى



ئىلمى ماقالە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

1) ئىلمىيلىكى.

ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى ئاپتوردىن ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مەسىلىگە نىسبەتەن شەخسىي ھېسسى كۆز قاراشلارنى، سوبيېكتىپ ئويدۇرمىلارنى ئارىلاشتۇرماستىن، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان يەكۈن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆز قاراشنى ئىسپاتلاش جەريانىدا ئامالنىڭ بارىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇق توپلاپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى پاكىت قىلىش، يەكۈنلەرنى پاكىت ئاساسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2) ئىجادىيلىق

ئىلمىي تەتقىقات بولسا يېڭى بىلىملەر ھەققىدىكى ئىزدىنىش.ئىجادىيلىق ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ جېنى.ئىلمى ماقالىنىڭ ئىجادىيلىقى ئاپتورنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسىنىڭ بولىشى، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

چۈنكى، ئىلمىيلىك ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېڭى ھادىسلەرنى بايقاش، يېڭى نەزەرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋاسىتە. ئىجادىيلىق بولمىسا، ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمىيلىك قىممىتى بولمايدۇ.

3) نەزىريىۋىلىك

ئىلمىي ماقالە شەكىل جەھەتتىن مۇھاكىمە ماقالىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئەمما ئۇ ئادەتتىكى مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا جەزمەن مەلۇم بىر يېتەكچى نەزەرىيە بولىدۇ، ماتېرىياللارنى كۆرگەزمە قاتارىدا تىزىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئانالىز قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئەسلىدىكى ئويلىغان ھېسسى كۆز قاراشلارنى ئەقلىي كۆز قاراشلارغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تارىخىي ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولىشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، ئانالىز قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللانغان بولىشى لازىم.
4) چۈشىنىشلىك بولۇش

بۇ ئاساسلىقى ئاممىباب تىل ئارقىلىق ئىلمى ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىش، ئىشلەتكەن تىل توغرا، ئېنىق، ماسلاشقان، ئىخچام، جانلىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.



2. ئىلمى ماقالىنىڭ يېزىلىش شەكلى



1)ماقالىنىڭ تېمىسى ( خەت شەكلى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭ ۋە ئۆزگىچە بولۇش)

2) قوشۇمچە تېما

3) ئاپتور ( ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى،)

4) پوچتا نومۇرى

5) قىسقىچە مەزمۇنى( ئادەتتە 150-200 خەتكىچە)

6) ئاچقۇچلۇق سۆز ( 2-4كىچە، ھەر بىر سۆز ئارىلىقىدا مەلۇم بوشلۇق بۇلۇش)

7) تېكىست

8) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلار

9) ئىزاھلار( ئاپتۇر، ماتېرىيال نامى، بەت نومۇرى، قۇر نومۇرى)

10) پايدىلانغان ماتېرىياللار(ئاپتۇر‹ تۈزگۈچى ياكى يازغۇچى›، ماتېرىيال ئىسمى، نەشرىيات، قايسى يىل، ئاي، كۈن نەشىر قىلىنغان، قانچىنچى نەشرى)، بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژۇرناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپىدۇر.

11) مىننەتدارلىق خېتى

12) قوشۇمچە

بارلىق ئۇچۇرلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يېزىلىدۇ. بۇ ھەر قايسى ژۇرناللار ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەرتىپىدۇر.
3. ئىلمى ماقالىنى يېزىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى



(1)تېما تاللاش ۋەماتىرىيال توپلاش

(3)تېزىس يېزىش

(4)ماتېرىيال ئاساسىدا تەھلىل قىلىش ۋە تېكىستىنى يېزىش

(5)خۇلاسە

1)تېما تاللاش ۋە ماتېرىيال توپلاش

تېما تاللاش ئىلمى ماقالە يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.چۈنكى، تەتقىقات ئەھمىيىتى بار تېما بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى، رېئال تۇرمۇشقا پايدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. تېما تاللاشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

(1) ئىلمى بولۇش. ئۇ جەزمەن جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش بولىشى؛ ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى كەم قالغان جايلارنى تولۇقلىيالايدىغان بولىشى كېرەك.

(2) قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق بولىشى لازىم.

بۇ تاللىغان تېمىغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش بولۇش، ئۆز سەۋىيىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش؛ ئاۋال ئاددى ئاندىن قىيىن بولۇش، چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇش.ئاللىقاچان مۇشۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى توپلىغان بولۇش.مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ تۈگىتىش لازىم.

تېما تاللاش ئۇسۇلى:

(1) تېما بېكىتىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇش. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇ مەسىلىنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلىرىنى تېپىپ چىقىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ژۇرنال ۋە كىتابلارنى كۆرۈش. مۇشۇ ئاساستا ماتېرىيال كارتىسى تۇرغۇزۇش لازىم. بۇ خىل كارتا بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشلىنىپ يىل تەرتىۋى بويىچە رەتلىنىشى كېرەك. كارتىنى يېزىش ئۇسۇلى: ئاپتۇر، تېما، ژورنال نامى، بەت نۇمۇرى، قايسى سان قاتارلىقلار.

(2)تەسەۋۇر كۈچىگە تايىنىپ ئاكتىپ پىكىر قىلىش.ماتىرىيال توپلاپ كارتا تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن بۇلارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش، رەتلەش جەريانىدا ماقالە تېمىسىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىش.ئانالىز قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، خۇلاسىلاش، تۈرگە ئايرىش، قوشۇش ۋە قىسقارتىش قاتارلىق ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تېمىنىڭ كەم جايلىرىنى بايقاش لازىم.

(3) تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ماتىرىيال ئىلمى تەتقىقاتنىڭ ئاساسى، تەييار ماتىرىياللارنى توپلاش ۋە ئاختۇرۇشتىن باشقا، بەزىدە يەنە ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشمۇ ناھايىتى موھىم.تەكشۈرۈش ئۆزى بىۋاستە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە راي سىناش ۋاراقچىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈش: يىغىن ئېچىش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش شەكىللىرىدە بولىدۇ. تەكشۈرۈش جەرياندا ئەسلى ماتىرىياللارنى توپلاش، رەسىم تارتىش، سۆرەتكە ئېلىش، ئاۋاز ئېلىش ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆپەيتىۋىلىش لازىم.



2) تىزىس يېزىش



(1)تېمىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى

(2)ئەھمىيىتى

(3)ئىجادى تەرىپى

(4)قوللانغان تەتقىقات ئۇسۇلى

(5)ئالدىن بېكىتىلگەن مۇندەرىجىسى



3)ماقالە تېكىستىنى يېزىش



(1) كىرىش سۆز

(2) باشلاش

(3) ھةر بىر جۈملىنى ئاۋال ئويلاپ، ئاندىن قةغةز يۈزىگة چۈشۈرۈ ش.

(4) ئابزاس ۋة بۆلةكلةرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

(5) تېكىست ئىچىدىكى تېمىچاقلارنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشىغا دىققەتةت قىلىش

(6)خۇلاسىلاش



4.ئىلمىي ماقالە يېزىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر



نۆۋەتتە ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم نوقسانلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1)كۆچۈرمىكەشلىك

2)قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك بولماسلىق

3)مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ بولۇش

4)دورامچىلىق

5)قىيىن نوقتىلاردىن ئۆزىنى ئەپ قىچىش

6)ماقالە سودىگەرچىلىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىش

7)تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇش

8)ھېسسىياتىغا تايىنىپ قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىش

9)ماتېرىيال مەنبەسى تېيىز بولۇش

10)ئىلمى ماقالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملار مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش

11)يېزىلغان ماقالىلەرگە قارتا ئىلمى باھالاش كەمچىل بولۇش

لوپنۇرى

بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/34253518.html

ھەممىنى ئوقۇش

Thursday, October 1, 2009

قىز ئوغۇللار لۇغىتى

ئوغۇللار مەستلىكتە ئازابلىنىدۇ.
قىزلار چۈشىدە ئازابلىنىدۇ.

ئوغۇللار سۆيگىنىنى سىز «بەك ياخشى» دەيدۇ.
قىزلار سۆيگىنىنى سىز «بەك ئەسكى» دەيدۇ.

ئوغۇللار ئۇششاق ئىشلار بىلەن كارى بولمىسا سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.
قىزلار ئۇششاق ئىشلار بىلەن كارى بولمىسا مەلۇماتسىز كۆرۈنىدۇ

ئوغۇللار قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا مەن ياشىشىم كېرەك دەيدۇ.
قىزلار قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن دەيدۇ.

ئوغۇللار قورققاندا كۆزىنى يوغان ئاچىدۇ.
قىزلار قورققاندا كۆزىنى مەھكەم يۇمۇۋالىدۇ.

ئوغۇللارنىڭ يىغىسى كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ.
قىزلارنىڭ يىغىسى ھېسداشلىققا ئۇچرايدۇ.

ئوغۇللار كەسكىن بولسا قابىل كۆرۈنىدۇ.
قىزلار كەسكىن بولسا يېنىك كۆرۈنىدۇ .

ئوغۇللار ئالدىراشلىق بىلەن ئىش قىلسا ئىشەنچلىك كۆرۈنىدۇ.
قىزلار ئالدىراشلىق بىلەن ئىش قىلسا ئىشەنچسىز كۆرۈنىدۇ.

ئوغۇللار ئەدەپسىز بولسا قوپال كۆرۈنىدۇ.
قىزلار ئەدەپسىز بولسا نادان كۆرۈنىدۇ.

ئوغۇللار كەمسۆز بولسا ئېغىر-بېسىق كۆرۈنىدۇ.
قىزلار كەمسۆز بولسا سۈنئىي كۆرۈنىدۇ.

ئوغۇللار ئىقتىسادچىل بولسا بېخىل كۆرۈنىدۇ.
قىزلار ئىقتىسادچىل بولسا ئائىلە باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ.

مەن ماۋۇنى بەك ياقتۇرىمەن!:

ئوغۇللار كۈلۈپ تۇرۇپ كۆز يېشى قىلىدۇ قىزلار يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرەيدۇ.

ھەممىنى ئوقۇش