خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Friday, July 31, 2009

كونسېرۋاتىپلىق



كونسېرۋاتىپلىق مەۋجۇت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرغان ئىدىيە. ھەرقايسى تارىخى دەۋەر، ھەر خىل مىللەت ، دۆلەتلەردە ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ. بۇ نۇرمالدا سول ئىدىيىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن تەنقىتلىنۋاتقان ئىدىيە. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئوڭچى پارتىيىلەر بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان.


كونسېرۋاتىپلىق تۈرلىرى

مەدەنىيەت كونسېرۋاتىپلىقى،

دىن كونسېرۋاتىپلىقى،

مالىيە كونسېرۋاتىپلىقى،

ئىقتىسادى كونسېرۋاتىپلىق،

يېڭى كونسېرۋاتىپلىق

ھەممىنى ئوقۇش

Thursday, July 30, 2009

ئانارخىزم


ئانارخىزم



ئانارخىزم ئۇمۇمنىڭ ئەركىنلىكى، ھۇقۇقى قاتارلىقلارنى باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە. مەجبۇرى ئىدارە قىلىشقا قارشى تۇرۇش بۇ ئىدىيىنىڭ ئەڭ ئاساسى پرىنسىپنى. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ياشاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 19-ئەسىردە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن.



ئانارخىزم سۆزى يۇنانچىدىكى «ئان» (قارشى) ۋە «ئارشىىز- archos»(باشقۇرغۇچى) سۆزلىرىدىن بىرىككەن. سۆز مەنىسىدىن ھۆكۈمەت، دۆلەت قاتارلىقلارغا ئېھتىياج كىرەك ئەمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن خەن تىلىدا «无 政 府 主 义 » دەيدۇ.

ھەممىنى ئوقۇش

Wednesday, July 29, 2009

ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺳﯚﻳﮕﯜ

ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺳﯚﻳﮕﯜ
*
---------------
قەدەھكە قەدەھتەك شاراپ سىغىدۇ
ﺋﯩﺮﯨﻘﺘﺎ ﺋﺎﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻛﻪﺑﻰ ﺳﯘ
قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن،
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯘ.
**
ﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻦ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ﺳﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ،
مىھرىڭدن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ.
ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪﯓ، ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﯩﯔ ﺋﯚﺯﻩﯓ،
ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻩﻙ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺳﯚﻳﮕﯜ.

ھەممىنى ئوقۇش

ئۇيغۇرلاردا ئون ئىككى مۈچەلنىڭ تارىخى

ئون ئىككى ھايۋان ﻧﺎﻣﻰ بىلەن ﯪﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋاقىت بىرلىكى - مۈچەل شەرق ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ مەھسۇلىدۇر. مۈچەل ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ يېڭى يىل 21 -ﻣﺎﺭﺕ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﺩﯨﻦ باشلىنىدۇ. ﻏﻪﺭﯨﭗ مەدەنىيىتى تۇرمۇش ﺗﻪﺭﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ شۇنچىلىك تەسىر ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻜﻰ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯩﺰ ساپ ﺷﻪﺭﯨﻘﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ مۈچەلنى 1- يانۋاردا كىرىدۇ، دەپ ﯮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ. ئۇنىڭ ﻗﺎﭼﺎﻥ كىملەر ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ زور ﺑﻪﺱ-ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ خەلقلەر مۈچەلنى ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ قىلىشقا ھەرىكەت قېلىشىدۇ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ شۇ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ئېنىقكى، مۈچەل ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان خەلقلەر، خۇسۇسەن، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ(ئۇيغۇر) ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻡ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ يىل ھېسابى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ مۆچەلنىڭ ﻛﯧﻠﯩﭗ چىقىشى ھەﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ "تۈركى تىللار ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ" ﺩا كەلتۈرۈلگەن نەقىل:
"تۈركلەر ﯮﻥ ئىككى خىل ھايۋان ئىسمىنى ﯮﻥ ئىككى يىلغا ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ، ﺟﻪﯓ تارىخلىرى ۋە باشقىلارنى ﯬﻧﻪ شۇ يىللار ئايلىنىشىدىن ھىﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯗ. بۇنىڭ ﻛﯧﻠﯩﭗ چىقىشى ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: تۈرك ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ بىرى ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ بىر ﻧﻪﭼﭽﻪ يىل ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯲﺗﻜﻪﻥ ئۇرۇشنى ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯴﮔﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۇ ئۇرۇش ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯲﺗﻜﻪﻥ يىلنى ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. بۇ مەسىلە ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ (خاقان) ﻗﻪﯞﻣﻰ بىلەن ﻛﯧﯖﻪﺷﺘﻰ ۋە ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﻰ: <ﺑﯩﺰ بۇ تارىخنى ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﺘﺎ قانچىلىك ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ بىزدىن كېيىن ھام شۇنداق ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. شۇنداق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ بىز ئەمدى ﯮﻥ ئىككى ﯪﻱ ۋە ﯪﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﯮﻥ ئىككى بۇرجغا ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﯮﻥ ئىككى يىلغا ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻤﯩﺰ كېرەك، ﺗﺎﻛﻰ بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشقا قاراپ ﯰﻻﻧﺴﯘﻥ ۋە بۇ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ئەبەدىي بىر ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ.> ئۇلار:
<ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ> - ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﻰ. خاقان ئوۋغا چىقتى ۋە ئادەملەرگە ۋەھشىي ھايۋانلارنى ﺋﯩﻠﻰ دەرياسى تامان ﻳﯩﻐﯩﺸﻨﻰ بۇيرۇدى، بۇ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﯰﻟﯘﻍ ﺳﯘ ﺋﯩﺪﻯ. ئادەملەر ئوۋ قىلىپ ھايۋانلارنى ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻫﻪﻳﺪﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯮﻥ ئىككى ھايۋان ﺳﯘﺩﯨﻦ ﯲﺗﺘﻰ. ﯮﻥ ئىككى يىلنى ﯬﻧﻪ شۇ ﯮﻥ ئىككى ھايۋان ئىسمى بىلەن ﯪﺗﯩﺪﻯ. ئەڭ ﯪﯞﺍﻝ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻥ ھايۋان ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. شۇنىڭ ئۇچۇن يىل ﺑﯧﺸﻰ ئۇنىڭ ﻧﺎﻣﻰ بىلەن ئاتالدى، شۇ ﺳﯚﺯﮔﻪ يىل ﻗﻮﺷﯘﭖ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ يىلى دەپ ﯪﺗﯩﺪﻯ. ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯲﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ:
ئۇد (ﻛﺎﻻ) يىلى،
بارس (ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ) يىلى،
ﻗﯘﻳﺎﻥ (ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ) يىلى،
ناك (ئەجدەرھا ياكى ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ) يىلى،
ﻳﯩﻼﻥ (ﻳﯩﻼﻥ) يىلى،
يۇند (ﯪﺕ) يىلى،
ﻗﻮﻱ يىلى،
بىجىن (مايمۇن) يىلى،
ﺗﺎﻗﺎﻏﯘ(ﺗﻮﺧﯘ) يىلى،
ئىت يىلى،
ﺗﻮﯕﻐﯘﺯ يىلى. ﺗﻮﯕﻐﯘﺯ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯩﺴﺎﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ يىلىدىن باشلىنىدۇ...
تۈركلەر(ئۇيغۇرلار) بۇ يىللارنىڭ ﻫﻪﺭ قايسىسىدا ﺑﯩﺮﻩﺭ ھېكمەت ﺑﺎﺭ، دەپ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ئۇلارچە ﻛﺎﻻ يىلى ﺑﻮﻟﺴﺎ، ئۇرۇش ﻛﯚﭖﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، چۈنكى ﻛﺎﻻ بىر-بىرى بىلەن ﯴﺳﺴﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھايۋان. ﺗﻮﺧﯘ يىلى كىرسە، ئوزۇق-ئوقەت ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ، لېكىن ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩ تەشۋىش ئارتىدۇ. چۈنكى ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﯔ ئوقىتى دان ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۇنى ﺗﯧﭙﯩﭗ يېيىش ﯴﭼﯜﻥ نەرسىلەرنى ﺗﯩﺘﯩﭗ-ﺗﺎﺗﯩﻼﭖ يۈرىدۇ. ئەجدەرھا(ﺑﯧﻠﯩﻖ) يىلى كىرسە، ھۆل-ﻳﯧﻐﯩﻦ ۋە ھوسۇل ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، چۈنكى ئۇ ﺳﯘﺩﺍ ياشايدۇ. ﺗﻮﯕﻐﯘﺯ يىلى كىرسە، ﺳﻮﻏﯘﻕ، قار ۋە ﭘﯩﺘﻨﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ھەﺭ يىلغا ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﺎﺱ تەخمىن بىرىشىدۇ.

ھەممىنى ئوقۇش

دىھقان بولماق تەس

دىھقان بولماق تەس

رۇزى سايىت

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ، ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ،
ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ،
ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ،
ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ .
ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ «ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ» ﺩﯨﻦ.
ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ، ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ، ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ،
ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ.
ﺩﻩﺭ؛ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ،
ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ ﺭﺍﻳﯩﻢ.
ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪﻗﯘﭼﺎﻕ،
ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭﺋﻮﺗﯘﻥ.
ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ، ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﭖ، ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ،
ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ، ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ، ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ .
ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ «ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!»
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كەل -ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﺑﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ،
ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔﻳﯧﺸﯩﻐﺎ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗﺳﺎﭘﺎﻥ،
ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗﺗﺎﭘﺎﻥ.
ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ، ﻛﯚﻳﯩﺪﯗﺗﺎﭘﺎﻥ،
ﭼﺎﻙ -ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗﺋﺎﻟﻘﺎﻥ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ«ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!» ﻻﭖﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎﭘﻪﺭﯞﯦﺸﻰ،
ﮬﻪ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﯩﻐﯩﻢﺗﻪﺭﯞﯨﺸﻰ.
ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔﺗﻪﺷﯟﯦﺸﻰ،
ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ، ﻗﻮﻳﻨﯩﯔﻣﻪﺭﯨﺸﻰ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼ ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪﺗﯘﺗﺎﺵ،
ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ «ﺋﻮﺗﺎﺵﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ» .
ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖﺋﻪﻣﻪﺱ-ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ،
ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﺵ.
ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚﻛﯩﺸﻰ،
ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ.
ﻳﻮﻕ «ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ» ﺋﯚﺭﻟﻪﺵﺋﯩﺸﻰ،
ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش، ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵﺋﯩﺸﻰ.
ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.
ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱﺋﯘﻧﻰ،
شىيەنجاڭمۇ، شىياڭجاڭمۇ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱﺋﯘﻧﻰ.
ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱﺋﯘﻧﻰ،
ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱﺋﯘﻧﻰ.
ﺷﯘ «ﺧﺎﺱ » ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺳﺖﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ،
ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ھەممىنى ئوقۇش

Tuesday, July 28, 2009

مالكولم X


مالكولم X
X مالكولم باشقا ئىسمى مالكولم كىچىك ( Malcolm Little) ياكى ھاجى مالك ئەل شانباز. 1925-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ۋاپات بولغان. داڭلىق سىياسەتچى، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان كىشلەردىن بىرى.

باشلانغۇچ مەكتەپنى بىر قاراتەنلىكلەر مەھەللىسىدە ئوقۇيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتقا بارالماي كىچىك ياشتا ئىشلەشكە باشلايدۇ. لېكىن كىيىن ئۇنىۋېرسىتېتنى كوچىلاردا يۇرۇپ ئوقۇيدۇ. قارا تەنلىك بولغاچقا ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن تۈرمىگە كىرىدۇ. ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقنى تۈرمىدە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. دوكتۇرلۇق دىسىرتاسىيەسىنى تۈرمىدە ناھايىتى قىيىن شارائىتتا تەييارلايدۇ. ئۇ بۇ جەرياننى ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن ئۇزۇن ئاڭلاتقان. شۇڭلاشقا مالكولم ‹‹ئەگەر بىر ئىنسان پىكىر قىلىشنى ئويلىسا ئۇنىۋېرتىتتىن كىيىن نەگە كېتىشنى سورىسا مەن تۈرمىنى كۆرسىتىمەن›› دېگەن. ئۇ تۈرمىنىڭ كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ.
يەتتە يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنى باشقىچە بىر ئىنسان قىلىپ يارىتىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى يەنى ئافرىقىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن كىيىن قۇل بولغانلىغى، باشقىلار قۇيۇپ قويغان ئىسىمنى قوللانغانلىقى ئۇچۇن مالكولم ئۆزىنىڭ مەۋجۇت تېگىئېتىنى قوللىماستىن بەلكى نامەلۇم دېگەن مەنە ئىپادىلەيدىغان X ھەرپىنى ئۆزىگە تېگىئات قىلىپ قوللانغان.
كىيىن مەككىگە ھەجگە بارغان ۋاقىتتا سېرىق، قارا، ئاق تەنلىك ئىنسانلار بىلەن بىرگە ناماز قىلىدۇ. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل كىيىنگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە تاماق يەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئىرق، تىل، مىللەت ئايرىماستىن ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر، قېرىنداشلىق ئىچىندە ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇرۇنقى كۆرەش سەپىرىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغانلىقى، ئاق تەنلىكلەرگە پۇتۇنلەت ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ياردەم قۇلىنى سۇنغان ئاق تەنلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كۈرەشنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئاق تەنلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئەمەس بەلكى ئاق تەنلىك كىشلەر دەك ئەركىن ياشاشقا ئىرشىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.

1952-يىلى X مالكولم ئىسمى بىلەن قارا تەنلىك مۇسۇلمانلار ھەرىكىتىگە قېتىلدى. كىيىن بۇ تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىپ ئافرىقا-ئامېرىكا بىرلىكىنى قۇردى.
1964-يىلى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرققە زىيارەتكە چىقتى. مەككىدە ھەج پائالىيىتىدە بولدى. قايتىپ كېلىپ بىر يىلدىن كىيىن سۈيقەستكە ئۇچرىدى.

ھەممىنى ئوقۇش

تۇرمۇش زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟

تۇرمۇش زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟
Formun Altı
ﺑﻪزﯨﻠﻪر «ﺗﯘرﻣﯘش ﺧﯘددى ﺑﯩﺮﭘﺎرﭼﻪ ﻛﯩﻴﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪۇ، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘپ - ﻳﺎﻣﺎپ، ﺗﯧﺮﯨﭗ - ﺗﯜﺷﻪپ ﻳﯜرۈپ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﻴﯩﺴﯩﺰ» دەﻳﺪۇ. 
 ﻳﻪﻧﻪﺑﻪزﯨﻠﻪر «ﺗﯘرﻣﯘش ﮔﻮﻳﺎ ﺧﻮﺗﯘﻧﺨﻪﻗﻘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺋﺎز ﮬﯘرۇن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺳﻪﺗﺮەك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩلا ﻳﺎۋاﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك» دەﻳﺪۇ.
  ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﯘﭼﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎرا ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﯟاﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺑﺎﻳﻘﯩﯟالاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ۋە ﻳﯩﺮﺗﯩﻖ ﻳﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺌﺎرام ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜرﯨﺴﯩﺰ.
  ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚرۈﻣﺴﯩﺰ ﮬﻪم ﻛﺎج ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا دەرد ﺗﯚﻛﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ داﺋﯩﻢﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩلا ﺋﻮﻳلاۋەرﮔﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯚﻳﺪە ﺗﯘرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﯜرﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ.
  دۇﻧﻴﺎﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜرﻟﯜك - ﺗﯜﻣﻪن ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪر ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﺟﯜﭘﯩﻠﻪپ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪپ ﺋﻮﻳلاپ ﻳﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ؟ ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﻏﯩﯖﺸﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﻤﻪن، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ، ﺋﺎﮬﺎﯕﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰ داﺋﯩﻢ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯦﺮﯨﯔ.
  («ﺳﯩﺮداش دوﺳﺖ ﺗﻪرﻣﯩﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2003 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘرﮔﯜل ﮬﯧﻴﺖ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)

ھەممىنى ئوقۇش

Thursday, July 23, 2009

دانىشمەنلەر ھېكمەتلىرىدىن

دانىشمەنلەر ھېكمەتلىرىدى
ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بىزەك ئىپپىتىنى ساقلاش، ئايال دىمەك پاكلىق دىمەكتۇر، ئايال دىمەك گۈزەللىك دىمەكتۇر، ئايال بولغاچقا ھاياتتا ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ رەڭدار سەھىپىلەر ئاپىرىدە بولغان.
بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مىھرىبانلىقنىڭ، پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى، ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ۋە جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى، ئانا سۈپىتىدە ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر.
تەھقىقكى، پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشىپ چىقىدۇ. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بارلىق قەھرىمانلارنى، جىمىكى سەلتەنەت ساھىپقىرانلىرىنى، دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ۋە ئىستىدات ئىگىلىرىنى ئەنە شۇنداق قەلبى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن تويۇنغان، ھايات مۇساپىسىنى ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن نۇرلاندۇرغان پەزىلەتلىك ئانىلار يىتىشتۈرۈپ چىققان.
« مىللەتنىڭ كېلەچىكى- قىز-ئاياللارنىڭ قولىدا»، بۇ – قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەت. ئەنە شۇ قىزلار پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بىخلىرى، جەسۇر يىگىتلەرنىڭ ھەمنەپەسلىرى، جاھان مەئىشەتلىرىنىڭ نەپىس بىزەكلىرى، قاشتېشىدەك سۈزۈكلۈكنىڭ جۇلالىرى، پاكلىقنىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى زاھىرى ئەمەسمىدى؟ جاھاندا ۋىجدان- غورۇرى بىلەن ھەقىيقى
ياشاشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمىدۇ؟
ئېھتىمال دىلىدىن ئېتىقاد نۇرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن كىشىلەردىنمۇ ئارتۇق پەسكەش، قورقۇنۇچلۇق كىشىلەر بولمىسا كېرەك. ئىنسانلار دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغاندا، ھايا-نۇمۇسنىڭ ئوندىن توققۇز ئۆلۈشى ئاياللارغا، بىر ئۆلۈشى ئەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەنمىش، ناۋادا ئەكسىچە بولغان بولسا، روھىيەت گۈزەللىكىنىڭ جۇلالىرىنى، مەۋجۇدىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەڭگۈلۈككە ئۇزۇتۇپ قوياركەنمىز.
بىلەمسىلەر، قىزلار بىزنىڭ روھىيىتىمىز ئەزەلدىن شەرق ھېكمەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، شەرمىي-ھايا، ئەدەپ-ئەخلاق گۈللىرى بىلەن بىزەنگەن ئىسلام شەرق تارىخىنىڭ شاھانە قەسىرلىرىگە ئاجايىپ ئىسىل مىۋىلەرنى ھەدىيە قىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە روھىي كىرزىس پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، مەدەنىيەت دالاسىدىكى تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالساق، بىزنىڭ ئەتىمىزنى قايسى يۇسۇندا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالسام، قەلبىمىزنى ئۆرتەيدىغان تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىق، ئوغۇللارنىڭ« بۇ كەمدىكى قىزلارنىڭ ھېچقايسىسى قىز ئەمەس» دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدا، تەئەججۈپتىن قېتىپلا قالدىم. مانا بۇ « بىر تال چىۋىن بىر قازان ئاشنى بولغاپتۇ» دېگەندەك، ئىپپەت-نۇمۇسىنى مودا كىيىنىش، پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۋالغان ناپاك، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلەلمەيدىغان قىزلارنىڭ پاك، غۇبارسىز، مەسۈم قىزلارغا كەلتۈرگەن ھاقارىتى، ئەڭ ئېچىنىشلىق يالدامىسى ئەمەسمۇ؟!
قىزلار سىلەر نىمىگە ئىرىشمەكچى بولۇپ، يېرىم –يالىڭاچ كىيىنىۋالىسىلەر؟ سىلەر غەلىتە تۇرقۇڭلاردىن پەخىرلىنىپ، گىدىيىپ يۈرۈشكىنىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ « ئالۋاستى» ، « نىقاپلىق جىن» دەپ ئاتىلىپ، بۇزۇق، پەسكەش ئەرلەرنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاگاھ بۇلۇڭلار ،قىزلار! سىلەرنى كۈتىۋاتقىنى ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە، مىللى روھ، مىللى ئەنئەنىلەرنىڭ قەبرىگاھى، زالالەت ئالىمىنىڭ چۈشكۈنلۈك بىلەن تويۇنغان مەشئۇم قىسمەتلىرى.
ئىشىنىمەنكى، سىلەر قانداق بولساڭلار، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار، كەلگۈسىدىكى ئائىلەڭلارمۇ شۇنداق بولغۇسىدۇر. چۈنكى ئەر دۇنيانى لاھىيەلىگەن بىلەن ئايال ئەرنى لاھىيەلەيدۇ، ئائىلىنى لاھىيەلەيدۇ. بۇيەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ. مىلادى 5-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر قولاس قەبىلىسىنىڭ بېگى بەگقۇلىبەگ قورقماس، شىجائەتلىك، باھادىر ھەمدە قابىل يولباشچى، مەسئۇلىيەتچان داھى بولۇپ شۇ ۋاقىتتىكى سىيانپىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىلىقىغا قارشى ئۆز خەلقىنى يىتەكلەپ قەھرىمانلارچەجەڭ قىلغان ھەمدە ئۆز ۋەتەن تۇپرىقىغا دۈشمەنلەرنىڭ ئىپلاس ئايىغىنى قەتئىي تەگكۈزمىگەن قەھرىمان جەڭچى ئىكەن، قىز-ئاياللار ناخشا قوشاق ئېيتسا، بەگقۇلىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەگقۇلى ھەققىدە:
« ۋاي كەلدى دىگەندە بەگقۇلى ئانا،
بوۋاقنىڭ يېغىسى توختايدۇ شۇئان.
دەيدىكەن ياش قىزلار ناخشا ئېيتقاندا،
يىگىتىم بولسا ئىكەن بەگقۇلىسىمان.»
دېگەنگە ئوخشاش قوشاقلار بارلىققا كەلگەن. قىزلار ئەنە شۇنداق باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق....... قاتارلىق پەزىلەتلەرنى ھەقىيقى يىگىتلەرنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭۈل تەختىگاھىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن مەردلىككە، قەھرىمانلىققا تەلپۈنۈپ تارىخىمىزنىڭ قەھرىمانلىق سەھىپىسىنى جۇلالاندۇرغان ئاجايىپ قەيسەر، شىجائەتلىك، مەردۇ-مەردانىلەر يېتىشىپ چىققان . خوش، بۈگۈنگە كەلگەندە قانداق بولدى؟ قىزلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىقىنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆلچەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « ئوغۇل بالا» ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان سورۇن مەيخانا، رىستۇران، تانسىخانىلارغا قاترىشىپ، ئۆزىنى جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىپ، ئەقلىنى ھەرخىل ئىچىملىك- چىكىملىكلەرنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ۋە بەتبوي پۇراقلىرىغا يەم قىلىپ بەردى. نەتىجىدە شامال پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان نازۇك، ھەتتا قاراڭغۇدىنمۇ قورقىدىغان، زەئىپ يىگىتلەر كىلىپ چىقتى. بۇنىڭ سەۋەپكارى كىم؟
مۇنداق بىر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ : ئەرلەر ھامان ئاياللارنىڭ ئۆلچىمىدە ياشايدۇ. قىز-ئاياللار رىستۇرانلىشىپ كەتكەن ئەلدە،ئەرلەردىكى شىجائەت، جاسارەتنىڭ ئورنىنى چۈشكۈنلۈك، غېرىپلىق ئىگەللىمەي مۇمكىنمۇ؟
« ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى – ئۆزىنى بىلىشتە» دەيدۇ، يۇنان پەيلاسوپى سوقرات، بىز ئۆزىمىزنى بىلەلمىگەنلىكىمىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدۇق. لېكىن نىمىگە ئىرىشىپ، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلەلمىدۇق. جاھاندا بۇ خىل روھى مەھرۇملۇقتىنمۇ ئارتۇق پاجىئە بارمىكىن؟
ئۆزىنى بىلمەيدىغان، نادان، ئاڭقاۋ قىزلار ۋەجىدىن بارلىق قىزلارنىڭ نامى بۇلغىنىپ، خورلۇق ئاسارىتىدە پۇچۇلانسا، ئۇلار بىر قەۋم تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئانا بولىدىغانلىقى ۋەجىدىن بىر قەۋم كىشىلىرى ئۈن تىنسىز ھالدا ھالاكەت گىردابىغا، ئازغۇنلۇق كوچىلىرىدا جان تالىشىپ، نادامەت كۆز ياشلىرى بىلەن مەۋجۇتلۇق بوھرانىنى كۈتۈۋالسا، بۇنىڭغا يەنە تاقەت قىلىۋېرىش كېرەكمۇ؟
پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر خوتۇن-قىزلارنىڭ تەبىئىتى بۇزۇلسا، جەمئىيەت بۇزۇلىدۇ، ئەخلاق چىرىكلىشىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاساسسىز گەپ ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئاياللار ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ئاياللار ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانسا، روھى زەبۇنلۇق ئەۋج ئېلىپ، مىللىي مەدەنىيەت خاراپلىققا يۈز تۇتىدۇ. ئەرلەرمۇ يۈگەنسىز ئاساۋ ئاتتەك يولدىن ئادىشىپ، كىشىلىك تۇرمۇش مۇۋازىنىتى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.
سۈيۈملۈك قىزلار، سەمىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنى قەدىر قىممەتكە، تۈگۈمەس سېھرى لاتاپەتكە ئىگە قىلىدىغىنى تاشقى گۈزەللىك ۋە ماددى ئۈستۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئىچكى گۈزەللىك يەنى، قەلب گۈزەللىكى ۋە ئەخلاقى كامىللىقتۇر.
شائىر ۋە شەرق پەيلاسوپى جالالىدىن رۇمى ئېيتقان:« سەن ساماۋى ۋە زېمىنى ئىككى ئالەمگە باراۋەرسەن، ئەمما ئۆز باھايىڭنى بىلمىسەڭ بولمىغىنى، ئۆزۈڭنى ئەرزىنىگە ساتما، جەزمەن باھايىڭ ئۈستۈن!» .
شائىر ۋە شەرق پەيلاسوپى جالالىدىن رۇمى ئېيتقان:« سەن ساماۋى ۋە زېمىنى ئىككى ئالەمگە باراۋەرسەن، ئەمما ئۆز باھايىڭنى بىلمىسەڭ بولمىغىنى، ئۆزۈڭنى ئەرزىنىگە ساتما، جەزمەن باھايىڭ ئۈستۈن!» .
سۈيۈملۈك قىزلار، بىغۇبار پاكلىقىڭلارنى، ئالتۇندىنمۇ قىممەت ۋاقتىڭلارنى دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نىممەتلىرىگە، رىستۇران، تانسىخانىلاردىكى بىردەملىك كەيپ – ساپا ھوزۇرىغا تىگىشىۋەتسەڭلار، بۇ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار نابۇت قىلغانلىق بولماي نىمە؟ سىلەر بىر ياخشى كىتابنى نەچچە ئون يۈەنگە ئېلىشقا چىدىمايسىلەيۇ، بىرەر گىرىم بۇيۇمىنى، بىرەر قۇر كىيم – كىچەكنى نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋىلىشقا رازى سىلەر. كۈنلەپ بازار ئايلىنىشقا ۋاقتىڭلار چىقىدىيۇ، بىرەر سائەت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىڭلار چىقمايدۇ. بەلكىم بۇ خىل مەنىۋى بوشلۇقلار بۈگۈنكى زامانىۋىلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئادەم ئىزدەنسە ھامان ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تۇرمۇشتىن خۇددى دېڭىزدىن سەدەپ سۈزگەندەك سۈزۈۋالالايمىز.
قىز – ئاياللار ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىرى ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىلىرىدۇر! يارالغۇچىنىڭ كامالىتى ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ پاراسىتىگە باغلىق. قېنى قىزلىرىمىزنىڭ پاراسىتى قايسى دەرىجىدىكىن؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا رىئاللىقتىن جاۋاب ئىزدەش ئەڭ ئاقىلانىلىق بولسا كېرەك. شۇغۇنىسى مەنىۋىيىتى پۈچەك ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشى ۋە مەنىۋىيەت جۇلالىرىنى چاقنىتالىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا روھىيەت ئالىمىنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرىدىن بەھىر ئالالايدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
مەلۇم تور بىكەتتىن ئېلىنغان.

ھەممىنى ئوقۇش

چۈنكى مەن ئادەم

چۈنكى مەن ئادەم
تاھىر تالىپ

بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى،
خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كېندىك قىنىم
تۇرغۇزدى مىنى يۆلەپ ساغلام پىتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم.

تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل _ چىمەننى ،
ئۆرىلەر قىر بېشىغا سەۋىر قاچام
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم ، .
دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،
دىلىدىن دىلىمغا نۇر _ يۇرۇق ئېلىپ .
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ .
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھىچ گەپ ئەمەس
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن
چېقىلسا قىلچە ئىززەت _ ھۈرمىتىمگە
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن . بەرقى مۇنبىرى,
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم
بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ ،
ۋە ياكى مۇتىھەملەر پالۋان بولسا
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ئازغان ئۈچۈن ،
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

ھوقۇقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
ئىتىقاد ، ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس ،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ قانات قىلغان
ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت _ ئۇچقۇن يانار
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم .

ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
كوممۇنىست _ ئىنسانىيەت چاكىرىمەن
لېكىن ، ھىچ بىر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا
جەڭچىمەن ،بىرەر كېمنىڭ قۇلى ئەمەس .بەرقى مۇنبىرى
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
غەزەلخان خەلقم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم _ ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دېگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان.
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم .
1982 _ يىل ئاۋغۇست ، ئۈرۈمچى

ھەممىنى ئوقۇش