خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Monday, August 31, 2009

باراك ئوباما ۋە تۈركىيە

باراك ئوباما ۋە تۈركىيە
4-نويابىر كۈنى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ 44-باشقان سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقتى.بۇكىشنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى پۇتۇن دۇنيادا زىلزىلە قوزغىدى. سايلامدا غەلبە قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
.1سايلام شوئارىنى ياخشى قويغانلىقىدا،ماك كېيىن بولسا كىشىلەرنى جەلىپ قىلالمايدىغان "دۆلەت بىرىنچى"شوئارى توغرا ئەمما كىشىنى جەلىپ قىلالمايدۇ. ئوبامانىڭ "ئۆزگىرىش،ئىشىنىمىز"كەلىمىسى بولسا كىم قانداق چۈشەنسە شۇنداق چۈشەنگىلى بولدىغان بىر سۆز. ھەر كىم بەلكى ئۆز خالىغان ئۆزگىرىشنى خىيال قىلسا بۇلىۋىردۇ. چۈنكى سايلام سۆزنى توغرا تاللاش بەك مۇھىم. مەسلەن:دىمگۇراتىك پارتىيىنىڭ 1946-يىلىدىكى "يېتەر،سۆز مىللەتنىڭ"،60-يىلىدىكى سۇلايمان دەمرەلنىڭ"بۈيۈك تۈركىيە"،70-يىللاردىكى بۇلەنت ئەجەۋىتنىڭ "خەلق ئۇچۇن"،80-يىللاردىكى تۇرغۇت ئۆزھالنىڭ "تۈركىيە ئانا ۋەتەندۇر"، ئاخىرقى ئون يىلدا تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ "ھەر نەرسە تۈركىيە ئۇچۇن". بىر جۈملە ئارقىلىق خەلقىنى جەلىپ قىلىش بىر سىياسەتچى ئۇچۇن بەك مۇھىم.
.2ياردەمچىنى توغرا تاللاش. ماك كېيىن تاللىغان سارا پالىن بولسا،گەرچە ۋالى بولسىمۇ يېڭلىق يارىتىش،يېڭى قانۇن لاھىيلىرنى چىقىرىش،خەلقارا دىپلوماتىيە تەجرىبىسى مول ئەمەس. ئوبامانىڭ ياردەمچىسى بىدېن بولسا ئامېرىكىدا تۇنۇلغان سىتراتىگيە مۇتەخەسسىسى.
.كىيىنكى ۋاقىتلاردا يۇز بەرگەن ئىقتىسادى كرىزىس ئوباما ئۇچۇن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ماك كېيىن، سارا پالىن دىن باشقا جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلار بولسىمۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى تەس ئىدى.
بۇ سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسۋىتى
1.تېررور بىلەن كۆرەش جەريانىدا بىر قىسىم ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. چۈنكى پ ك ك دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلات ئوباماغا تەبرىك خېتى يازدى. بۇ مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى بۇلارنىڭ سىغىنىپ ياتقان يىرى شىمالى ئىراقتىكى يەرلىك ھۆكمەت بىلەن مۇناسىۋەت.
.2ئىراق مەسىلىسى. ئوباما "ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۇرمەن"دىدى. ئەمما بۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بۇ يەردە ئەسكەر چېكىنگەندىن كىيىن ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كىيىنلىكى ئۇچۇن يەنى ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى مەنپەئەتى ئۇچۇن بەزى ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. مەسلەن: ئىراق ئۈچكە بۇلنەمدۇ؟ شىمالى ئىراق يەرلىك كۈرت ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ كىم ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
3.سۆزدە ئەرمەنى قەتلىئام مەسىلىسى . "ئۈچ ت"(تونۇتماق،تەمىنات،تۇپراق) دېيىلىۋاتقان بۇ داۋانىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئەرمەنلەر باسماق ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ تۈركىيىگە خەلقارا دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2008 7-نويابىر
"ھىكايىمىز پەرقلىق ،ئەمما تەقدىرىمىز بىر"
-ئوباما

ھەممىنى ئوقۇش

قوللىنىشچان بەتلەر


http://www.sciencedirect.com
بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا توققۇز مىليون 441مىڭ 253پارچە ماقالە بار. بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان . باشقا تىللاردا بۇ قەدەر كۆپ ئەمەس ھەم باشقا تىللاردا يېزىلغان ماقالەلەر بۇنىڭدىكى ماقالىلەردەك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ..
http://www.materialsnetbase.com
بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىمۇ نۇرغۇن ماتېرياللار بار. ئاساسلىقى كىتاپ ۋە قوللانمىلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئەلبەتتە،بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبېرىنڭ نىڭ تىلى ئىنگلىزچە.
بۇ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشنى ئويلايدىغان ياش ئۆسمۈرلەرئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگنىشى كىرەك.

ھەممىنى ئوقۇش

Saturday, August 22, 2009

گېئوپولىتىكا

گېئوپولىتىكا يەنى يەر سىياسەتشۇناسلىقى بۇگۈنكى كۈندە مۇھىم بولغان بىر پەن. خەن تىلىدا地缘政治学 دىيىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا geopolitical دەيمىز. تۈرك تىلىدا Jeopolitik دەيمىز. مەن بۇرۇن بەزى كىشلەردىن بۇ ئۇقۇم تېخى ئۇيغۇر تىلىغا كىرمىدى دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان لۇغەتكە قارىسام بۇ سۆزلەر باركەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇمۇملاشمىغانلىقنى كۆزدە تۇتقان بۇلىشى مۇمكىن. مەن قىسقىچە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ باقاي. كىيىن مىساللار بىلەن تېخىمۇ تەپسىلى يازىمەن.
گېئوپولىتىكا بىر دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىۋى ئالاھىدىلىكى بىلەن سىياسەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بۇ ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم قوللانغان كىشى رودولف كجېللېن(Rudolf Kjellen (1864-1922). خائۇشوفېر(C. Haushofer) گېئوپولىتىكىنى ئىچىدە مەۋجۇت بولغان جۇغراپىيىۋى ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخى تەرەققىياتنىڭ تەسىرىدە سىياسى ھاياتنىڭ شەكلى بولغان دۆلەتنىڭ ئۈستىدىكى جۇغراپىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دەپ تونۇيدۇ.
گېئوپولىتىكا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بىرزىنىسكىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: ‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كىيىنكى رۇسيە بۇگۈنكى دۇنيادا ئىدلوگىيە قارىغاندا گېئوپولىتىكنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى›. ئەمدى كوممۇنىزم ئىدلوگىيسى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىلى بولمايتتى. پەقەت ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئالاھىدىلىكى ئاساسەن يېڭى ئىتتپاقلىرنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. ياۋروپادىكى بەزى يەرلەردە باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىشتىن ۋاز كەچتى. ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەردە ھەر خىل ئىتتىپاق ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشتى.

ھەممىنى ئوقۇش

Friday, August 21, 2009

كىليوس





كىليوس(Kilyos)
ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر تەرىپىگە جايلاشقان گۈزەل بىر دېڭىز ساھىلى. بەلگىراد(Belgrad) ئورمانلىرىغا يېقىن يەر بۇلۇپ يېشىللىققا پۈركەنگەن.
ياز كۈنلىرى سۇ ئۈزۈشكە، قۇياشقا قاقلىنىشقا ياخشى.
قىش كۈنلىرى دېڭىز بويىغا قاراپ قارا دېڭىز سۈيىنىڭ دولقۇننى كۆرەلەيسىز. سۇنىڭ بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى تاشقا ئۇرغان مەنزىرىنى كۆرگەچ قەھۋە ئىچسىڭىز ياكى شۇ ئەتراپتا كاۋاپ دۇكانلىرىدىن كاۋاپ يىسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېڭىز بۇيىدا ئالدىرىماي مېڭىپ تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانسىڭىزمۇ بولىدۇ
.

ھەممىنى ئوقۇش

Wednesday, August 19, 2009

مېتاللۇرگىيە ۋە ماتېريال ئېنژېنىرلقى نىمە ئىش قىلىدۇ؟

مېتاللۇرگىيە ۋە ماتېريال ئېنژېنىرلقى نىمە ئىش قىلىدۇ؟

مېتاللۇرگىيە-مېتال ياكى مېتال بىرىكمىلەرنىڭ، جەۋھەرلەرنىڭ،مېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خام ماددىلارنىڭ قوللىنىش باسقۇچى ئۇچۇن ئۇيغۇن بىر سۈپەتتە ئىشلەپچىقىرىلىشى، شەكىل ئېلىشى، ساقلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قوللىنىش جەريانىدا مۇھىت ۋە ئىنسان ساغلاملىقى دىققەتكە ئېلىنغان ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلارغا مۇناسىپ شەكىلدە تەييارلاشىنى مەقسەت قىلغان پەن ۋە تېخنىك ئىسمى.
مېتاللۇرگىيە بىر دۆلەتنىڭ ئېغىر سانائىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
مەسىلەن : پولات تومۇر ناھايىتى مۇھىم. بىر دۆلەتنىڭ سانائىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى شۇ دۆلەتنىڭ يىلدا كىشى بېشىغا توغرا كەلگۈدەك پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە قوللىنىشىغا قاراپ بەلگۇلىگىدەك ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
بۇ پەن ئىنشائات قۇرلۇش،ئوچاق(ئايروپىلان)، ئېلېكترون، تېببىي، مۇھىت، ئېنېرگىيە، خام ماتېرىيال قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ
.

ھەممىنى ئوقۇش

Tuesday, August 18, 2009

ماتېرىيال ئىلمى

ئىنژېنېرلىق ماتېرىيالى دېگەن نېمە؟

ئىنژېنېرلىقتا ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلاتتا قوللىنىلغان مېخانىكىلىق، فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان قاتتىق ماددىلاردىن ئىبارەت.

ماتېرىيال ئىلمى دېگەن نېمە؟

ماتېرىياللارنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى(خۇسۇسىيىتى) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ماتېرىيال ئىنژېنېرلىقى دېگەن نېمە؟

ماتېرىيال ئىلمىنىڭ بىزگە بەرگەن ماتىياللارنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى(خۇسۇسىيىتى) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن
كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالنى لايىھىلىمەك ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت. قاتتىق ماتېرىياللار، مېتاللار ،فارفۇرلار،پولىمىرلار دەپ ئۈچكە بۇلىنىدۇ.

ھەممىنى ئوقۇش

Saturday, August 15, 2009

ئىستانبۇلدىكى ئاراللار







ئىستانبۇلدىكى ئاراللار
ئىستانبۇل ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان گۈزەل بىر شەھەر. بوغاز ئارقىلىق شەھەر ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئىستانبۇلغا يېقىن يەرلەردە گۈزەل كىچىك ئاراللار بار(تۈركچىدە ئارالنى ئادا(Ada) دەيدۇ، مەن ئىسىملارغا ئادا سۆزىنى قاتمىدىم.). مەسلەن:
بۈيۈك ئارال(Büyükada)، ھەيبەلى ئارىلى(Heybeliada)، بۇرگاز ئارىلى(Burgazada)، كىنالى ئارىلى(Kınalıada)، سەدەف ئارىلى(Sedefadası)، سىۋرى ئارىلى(Sivriada)، ياسسى ئارىلى(Yassıada)، قۇشۇق ئارىلى(Kaşık Adası)، توشقان ئارىلى(Tavşan Adası) قاتارلىق ئاراللىرى بار.
ئاراللار تۆت ئەتراپى دېڭىز بولغاچقا كىشىگە گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ماشىنا، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشاش زامانىۋى قاتناش قوراللىرى يوق. پەيتۇنلارغا ئولتۇرۇپ زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن بۇ كۆپىنچە ياشانغانلارنىڭ تاللاش ئۇسۇلى. ۋېلسىپىت بىلەن ئارالنى زىيارەت قىلالايسىز، ياپيېشىل ئورمان يېنىدا كۆپكۈك دېڭىزغا قاراپ ۋېلسىپىت ھەيدەش بەكمۇ كۆڭۈللۈك. يەنە قۇم ساھىللىرى بۇلۇپ بۇ يەردە دېڭىز سۈيىدە سۇغا چۇمۇلەلەيسىز. شۇڭلاشقا ئاراللار يالغۇز كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش يېرى بۇلۇپ قالماي بىر ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ماكانى.
كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسىتىدە بىر قانچە سۈرەت يوللاپ قويدۇم. تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى
ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىياغا چىقرىپ قويدۇم.

ھەممىنى ئوقۇش

Friday, August 14, 2009

تۇغۇلمىغان ئوخشايمەن

تۇغۇلمىغان ئوخشايمەن
ئىمىن ئەخمىدى
قايسى بىر تۆھپىگە ياندۇرىمەن شام.
ئانام جىن چىراغدا بەزلەيدۇ تۈننى،
ماڭا ھومايغانچە قارايدۇ تۆت تام.
سۈتتەك ئاق داستىخان يۈزىدە ئەپسۇس،
ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلاتتى ئەجەپ.
پۇشايمان ياشلىرىم ئېقىشقا خىجىل،
تىزىلغان تائاملار كەتتى ئېسىدەپ.
شىرەنىڭ ئۈستىدە كونا كالىندار
باھار سەلكىنىدە قالدى يېيىلىپ.
كۆرۈنەەندەك بولدى كۆزلىرىمگە دار،
چىقتىم بوسىغىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ.

ئانام ئوقىمىغان داداممۇ شۇنداق،
تۇغۇلغان كۈنۈمنى يېزىپ قويمىغان.
لېكىن مېنىڭدەك بىر ئوغلى بولغانغا ،
پەخىرلەنگەن ھەردەم، قاراپ تويمىغان.
چوڭ بولدۇم، ئەللىك يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،
ئانامنىڭ يۈزىدە يىللار بەلگىسى.
مېنى ئۇزاتقاندا سۆزلىگەن دادام:
-ئەمدى ساڭا قالدى ئۆينىڭ كەلگۈسى.......
سەپسالدىم ئېغىلغا، قېرىغان ئۆكۈز ،
چىشلىرى تۆكۈلگەن، يېيەلمەيدۇ يەم.
بۇلۇڭدا قىڭغايغان كوغا چىغىرىق،
قانتى سۇنغان چاق، تانىسىدا نەم.
قوناقنىڭ شېخىدا ئۆرتىنىپ دىلى،
نۇمۇستىن يېرىلىپ كېتىپتۇ ئوچاق.
تاپقاننىڭ ھەممىسى ماڭا كېتىپتۇ،
جاپاكەش دادامنىڭ شاقىلىدا اق.
ئۇلارمۇ تۇغۇلغان بولغىيدى بىر كۈن،
باردۇر ئۇلاردىنمۇ شۇ كۈنگە ئارمان.
چۈشەندىم، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
يا يامغۇر، يا بورا ئىچىدە قالغان.........
مەن تۇغۇلغان كۈن دەلەرمۇ ئانام.
ناۋادا بالام يوق سېنىڭدەك دېسە،
بولمامدۇ ئۆمرۈمگە تىرىكلىك ھارام.

نىمە دەپ ئۆتكۈزەي تۇغۇلغان كۈننى ،
زادى مەن قايسى كۈن تۇغۇلغاندىمەن؟
راست تۇغۇلغان بولسام ئىزلىرىم قېنى،
ئانامغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن....
-----------------------------------------------------
مەنبەسى: ‹‹تارىم» ژورنىلى 1995-يىللىق 9- سانندىن ئېلىندى.
ئاپتۇرى: ئىمىن ئەخمىدى

ھەممىنى ئوقۇش

Thursday, August 13, 2009

مەجبۇرلاش بىلەن گۈزەللىك بولماس

قىزنىڭ بېشىغا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ: ‹‹-مىنى سۆيمىسەڭ سېنى ئۆلتۈرىمەن.›› دەپتۇ..
قىز قورىققىغىندىن جاننىڭ دەردىدە ‹‹-سېنى سۆيىمەن›› دەپ ۋارقىراپتۇ.
مىسسىئونېر ئافرىقىدىكى ئاچ بالىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹‹-خرىستىئان بولساڭ نان بىرىمەن›› دەپتۇ.
ئاچ بالا نان ۋە سۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزنى ئاتىدۇ.
يېزىدىكى ئېلىكترىك كەلمىگەن يەرگە توڭلاتقۇ بەرسە كىشلەر رەت قىلماستىن ئالىدۇ ۋە ئىشكاپ قىلىپ قوللىنىدۇ.
جاسۇسلار خەلقئارالىق ئىشلاردا كىم كۆپ پۇل بەرسە ئۇنىڭ ئۇچۇن ئىشلەيدۇ.
پۇلغا زورلاش، قۇرالغا تاينىش ئارقىلىق ئىنساننى بويسۇندۇرالايسەن، ئەمما ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايسەن.
بىرلىكتە ئاچلىق-يوقسۇللۇققا قارشى تۇرغان، جاپالاردا بىللە بولغان ئائىلە بىر كۈنى كېلىپ ئۆزئىچىدىكى بىر ھەقسىزلىق سەۋەبى تۈپەيلىدىن تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
مال ئالغاندا ساتقۇچىقۇچىدەك، مال ساتقاندا مال ئالغۇچىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلساق ئادالەتتىن ئايرىلمايمىز.
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرمىز مۇنداق دېگەن:‹‹سىزدىن بىرى ئۆزى ئۇچۇن ئارزۇ قىلغاننى قېرىندىشى ئۇچۇن ئارزۇ قىلمىغۇچە ئىمان ئېيتقان ھېسابلانمايدۇ.›› (بۇخارى،ساھىھ،مۇسلىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان)
مەجبۇرلاش بىلەن گۈزەللىك بولماس


بۇ ماقالىنىڭ ئىلھام قايناغى ماخمۇت توپتاشنىڭ ‹‹مەجبۇرلاش بىلەن گۈزەللىك بولماس›› دېگەن ماقالىسى.
(Mahmut Toptaş, Zorla güzellik olmaz)

ھەممىنى ئوقۇش

Wednesday, August 12, 2009

گۈل تەدبىرلىرى

گۈل تەدبىرلىرى
ئاق ئەتىرگۈل _ ساپلىق ، ھۆرمەتنىڭ سىمىۋولى .
قىزىل ئەتىرگۈل _ مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى .
ھال رەڭ ئەتىرگۈل _ تۈنجى مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى .
سېرىق ئەتىرگۈل _ ئەپۇ سوراشنىڭ سىمىۋولى .
ئەتىرگۈلنىڭ سانىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى :
بىر تال ئەتىرگۈل _ قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار .
ئىككى تال ئەتىرگۈل _ سىزمۇ ياخشى ، مەنمۇ ياخشى . توينىڭمۇ مەنىسى بار.
ئۈچ تال ئەتىرگۈل _ مەن سىزنى سۆيىمەن .
تۆت تال ئەتىرگۈل _ تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سالامەتلىك ، بەخت سىزگە يار بولسۇن .
بەش تال ئەتىرگۈل _ سۆيگۈنۈمگە پۇشايمىنىم يوق .
ئالتە تال ئەتىرگۈل _ مۇۋەپىقىيەتلىك ، ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنىڭ سىمىۋولى .
يەتتە تال ئەتىرگۈل _ سىز بىلەن ئۇچىرشىشنى خالايمەن ، مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن .
سەككىز تال ئەتىرگۈل _ قەدىرلەشنىڭ سىمىۋولى .
10 تال ئەتىرگۈل _ كامالەتكە يەتكەن .
11 تال ئەتىرگۈل _ چىن سۆيگۈ ، بىر نىيەت ، بىر مەقسەت .
12 تال ئەتىرگۈل _ قانائەتلىنەرلىك مۇھەببەت .
19 تال ئەتىرگۈل _ بىر ئۆمۈر ، ئۆلگۈچە .
20 تال ئەتىرگۈل _ ئەبەدىلئەبەد سىزنى سۆيىمەن ، مۇھەببىتىم ئۆزگەرمەس .
24 تال ئەتىرگۈل _ رومانتىك پۇراق .
30 تال ئەتىرگۈل _ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلىڭ .
33 تال ئەتىرگۈل _ ئەبەدىلئەبەد ئۆزگەرمەسلىك .
88 تال ئەتىرگۈل _ تولۇقلاشقا تىرىشىمەن .
99 تال ئەتىرگۈل _ ئۆلگۈچە ئايرىلمايمىز .
100 تال ئەتىرگۈل _ مەڭگۈ بىللە ئۆتىمىز .
365 تال ئەتىرگۈل _ كۈندە سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
999 تال ئەتىرگۈل _ ئەبەدىيلىككە تولغان چەكسىز مۇھەببەت .
1001 تال ئەتىرگۈل _ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيمىز .
********************************************
كونىن گۈلى _ ئانىغا بولغان مۇھەببەت بىلەن بەخت تىلەشنىڭ سىمىۋولى .
گۈلسۆسەر _ كۈندىن- كۈنگە يوقىرى ئۆرلەشنىڭ سىمىۋولى .
كۈركۈم گۈلى _ گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ، بەخت سائادەتنىڭ سىمىۋولى .
پەيسىمان قۇش گۈلى _ ئېگىز ئۆرلەشنىڭ سىمىۋولى .
جەننەت قۇش _ ئەركىنلىككە ، خوشاللىققا ، قۇتلۇقلاشنىڭ سىمىۋولى .
ئافرىقا جۇخار گۈلى _ قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقنىڭ سىمىۋولى .
بوتا كۆز _ ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيا ئۇنتۇماسلىقنىڭ سىمىۋولى .
مەڭگۈ ئەسلەشكە ۋوكىللىك قىلىدۇ .
شېرىن گۈل _ دوستلۇقنىڭ ، مېھىر مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى .
ياپۇنىيە جىنچاتقىلى _ ئۇزۇن يىللىق ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ سىمىۋولى .

ھەممىنى ئوقۇش

Monday, August 10, 2009

فېمىنىزم


فېمىنىزم(ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش)







فېمىنىزم ئاياللار تەشكىلاتلىرىنى ئاساس قىلغان ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداشنى ئاساس قىلغان ئىدىيە.







تۈرلىرى كۆپ ياكى ھەرقايسى دۆلەت،رايونلاردائىپادىلىنىشى ئوخشىمايدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسى ھەرىكەتلەرگە تەسىر قىلىشقا باشلىغان.















فېمىنىزم: سايلامدا ئاۋاز بىرىش ھۇقۇقى، ئوخشاش ئىش ھەققى، تۇغۇش ھەققى، «خاتالىق ئىزدەنمىگەن» تۇغۇش ھەققى، باللىرنى دادىسىدىن يىراق قىلىش ھەققى، بالا چۇشۇرۇش ھەققى، ئاجرىشىش ھۇقۇقى، ئۆزلىرىگە تاجاۋۇز، باسقۇنچىلىق قىلغانلاردىن يىراق تۇرۇش، يىراق قىلدۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فېمىنىزم تۈرلىرى

باراۋەرلىك فېمىنىزمى: جىنسى پەرقى ئايرىمسىغا قارشى. ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئايال مەركەزلىك فېمىنىزم: مەدەنىيەت، جىنسى ھاياتتا ئاياللارنى مەركەز قىلغان ئىدىيىنى كۆرسىتىدۇ.

بېسىمغا قارشى فېمىنىزم: جەمئىيەت ياكى ئائىلە ئىچىدىكى ئاياللارغا قارىتىلغان. بېسىمغا قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىللەردە ئاياللارنى ئۇرۇش، تىللاش، تۆۋەن كۆرۈش، خورلاشلارغا قارشى تۇرۇش بىلەن ھازىرقى زاماندىكى مېدىيانىڭ مۇھىم تىمىلىرنىڭ بىرسى ئەھۋالىغا كەلدى.

ئايرىمچى: ھەمجىنس (لېيزىبىن)

قارا فېمىنىزم: ئافرىقا، ئامېرىكا دۆلەتلەردىكى ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى ئىدىيە.

ھەممىنى ئوقۇش

مەۋلانادىن ھىكمەتلەر

ياخشى دوستى بولغان كىشىنىڭ ئەينەككە ئېھتىياجى يوق.

كۆرلار كۆرمىسىمۇ يۇلتۇزلار بار.

ھەقىقەتنىڭ قەسەم قىلماققا ئېھتىياجى يوق.

بىر شام، باشقا بىر شامنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن نۇرى كەملەپ قالمايدۇ.

ئىچتىكى كىرنى سۇ ئەمەس پەقەت كۆز يېشى تازىلايدۇ.
İyi dostu olanın, aynaya ihtiyacı yoktur.
Körler görmese de yıldızlar vardır.
Doğruların yemin etmeye ihtiyacı yoktur.
Bir mum, diğer bir mumu tutuşturmakla ışığından birşey kaybetmez.
İçteki kiri su değil ancak gözyaşı temizler.

ھەممىنى ئوقۇش

Sunday, August 9, 2009

ناشتىلىق

لوقمان ھېكىمنىڭ ئالدىغا ھەممە كىشى كىسەل بۇلۇپ بارىدىكەن. لوقمان ھېكىم ئۇلارنى داۋالاپ يولغا سېلىپ قويىدىكەن. ئەمما كۈيئوغۇلى كىسەل بۇلۇپ ھىچ كەلمەپتۇ. شۇڭلاشقا لوقمان ھېكىم قىزىدىن سوراپتۇ:
-ئېرىڭىز نىمىشقا كىسەل بولمايدۇ؟ قانداق تۇرمۇش ئادىتى بار؟
-ئېرىمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش، ئەمما بىر ئوخشىمايدىغان يىرى ناشتىلىققا بەكلا ئەھمىيەت بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ.-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىزى،
-ئۇنداقتا ئۇنىڭ ناشتىلىق قىلىدىغان نەرسىلىرىنى تىقۋېلىڭ،
قىز ئۆيدىكى ناشتىلىق قىلغىلى بولدىغان نەرسىلەرنى تىقىۋاپتۇ. ئىرى بولسا ھېچنىمە تاپالمىغاندىن كىيىن توپىنى يەپتۇ.
قىز دادىسىغا بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. لوقمان ھېكىم بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۈيئوغۇلىنىڭ كىسەل بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ.
دېمەككى ناشتىلىق ئىنتايىن مۇھىم.

ھەممىنى ئوقۇش

Saturday, August 8, 2009

لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى

لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
قارا ھىجران،دەرتكە قىلىپ ئانىلار ،
پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار ،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دادىلار ،
سىغىنىشتىن چوڭايسىمۇ ياىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

كىلىپ راسا ئوقۇي دىگەن نىيەتكە ،
كىلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كىرەككە ،
ئىلىم -پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە ،
ئارمانلىرىم ئارام بەرمەي يۇرەككە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
سۈرۈشتۈرسەم سانى يۈزدىن ئاشارمىش ،
ھەەر تەرەپتە ،ھەر شەھەردەياشارمىش ،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تامارمىش ،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

لوندون دىگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن ،
پۇرسەتمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن ،
ھەر قەدىمى پۇلغا تولغان شەھەركەن ،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

خىنىملاردەك تارتتى مىنى جىلۋىسى ،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىككە ھىلىسى ،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى ،
دەردمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
<زىيالى ئادەم >دىگەن ئاتاققا ،
كىلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا ،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ ياتاقتا ،
غەم قاينايدۇ كاللا دىگەن قاپاقتا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

بىلگەنلىرى مىنى ھۆرمەت قىلىشتى ،
بوسۇغامغا زىيارەتكە كىلىشتى ،
بەزىلىرى تۇز ھەم تائام بىرىشتى ،
قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئىرىشتى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن ،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن ،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن ،
ياشاش دىگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار ،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار ،
بەزىسىنىڭ بەزىسىنىڭ دەردى بار ،
يۈرىكىدە شەلۋەرلەنگەن دەزى بار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
قاراپ باقسام قىزلارمۇ بەك شاش ئىكەن ،
قاش كۆزلىرى چىرايلىقكەن شاش ئىكەن ،
قىلغانلىرى بىر بىرىگە پاش ئىكەن ،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

قىز -ئوغۇلللار بىر-بىرىنى ياراتماي
بىر- بىرىنى بوسۇغىغا يولاتماي ،
ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي ،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى يولاتماي ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە ،
خەلق ئارىسىدا بوپ قالىسەن بىچارە ،
تاپشۇرمىساڭ ئۆزۋاقتىدا ئىجارە ،
تالادىسەن .سەرسانلىقتا ئاۋارە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

ئىشلىگەندە قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا ،
غايىلەرمۇ دەسلىنىپتۇ بىر ياققا ،
مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا؟
كىلەچەككە ئاخىرى يوق سوراققا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چىچىلىپ ،
بەزى تۇتۇق بەزىلەردە ئىچىلىپ ،
ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئىچىنىپ ،
خىزمەت قىلسا قىزغىنىشتا ئىچىنىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

دەييمەن ئانا ۋەتەننى ئۇنۇتما ،
ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما ،
ئۆز ئىلىڭگە
ئاسىيلىقنى يولاتما ،
يۈرىكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
2006-يىل دىكابىر (لوندون )
تورداشلار بۇ شىئىر داڭلىق يارغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى لوندۇنقا
ئوقۇشقا بارغاندا شۇيەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلاردىن ئالغان تەسىرى ئىكەن يىقىندا <شىنجاڭ مەدىنىيىتى > زورنىلڭنىڭ 2007-يىللىق 6-سانىدا بىسىلىپتۇ .

ھەممىنى ئوقۇش

Wednesday, August 5, 2009

مەسۈمىيەت مۇزېيى

مەسۈمىيەت مۇزېيى

"ھاياتىمنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرمىش،بىلمەپتىكەنمەن"
نوبېل مۇكاپاتى ئالغان يازغۇچى ئورخان پامۇكنىڭ ئالتە يىل ئىزدەنگەن ئاشىق رومانى بۇ سۆزلەر بىلەن باشلىندۇ....
"مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئۇقۇغان ۋاقتىمىزدا يالغۇز ئاشىقلىق ئۇستدىلا ئەمەس،تۇرمۇش،دوستلۇق،جىنسەللىك،ئائىلە ۋە بەخىت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرڭىزغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە كىتابنىڭ رەڭگارەڭ دۇنياسىدىن ھىچ ئايرىلغىڭىز كەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلسىز.
مەن كىتابنى ئۇقۇپ بۇلۇپ بىر ھەپتىگىچە بۇ كىتاپتىكى ۋەقە ۋە ئىنسانلار ھەققىدە قايتا قايتا ئويلاندىم.بۇگۇن ئەتگەن روماندىكى كامالنىڭ ماڭغان يوللىرنى ماڭدىم. كىتاپنىڭ ئاخىردىكى خەرىتىگە ئاساسەن "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئىزدەپ تاپتىم. يولا ماڭغۇچە ھىچكىمدىن يول سۇرمىدىم،ئاستا ئاستا كامال سەككىز ماڭغان يولدا كىتاپتىكى خەرتىگە ئاساسەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن كۇزتىشكە تىرىشتىم.
رومان1975يىلىنىڭ بىر باھار كۇنى باشلىنىپ كۇنۇمىزگەقەدەر كەلگەن ئىستانبۇللۇق باي بالىسى كامال بىلەن ئۇزاق ۋە يوقسۇل تۇققىنى فۇسۇننىڭ ھىكايىسى.كتاپتىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھالىتى شۇنداق ياخشى تەسۋىرلەنگەن،ئىنسانلارنىڭ ھىسياتى شۇنداق ئىنچىكلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن. كىتاپتا ئەللىك يەتتە بەتكە سۇزۇنلغان بىر چاي ئىچۇرۇش مۇراسىمى تەسۋىرلەنگەن. بۇ چاي ئىچۇرۇش مۇراسىمى ئەڭ كۆپ بولسا بەش سائەت داۋاملاشقان.
مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ چۇقۇرجۇما كوچىسدىن چۇشۇۋاتاتتىم. سومكامدىن روماننى چىقىرىپ "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نىڭ ئورنىنى جەزىلەشتۇرمەكچىتىم،تۇساتتىن سەككىز تۇققۇز ياشلاردىكى بىر بالا ئۇچىنجى قەۋەتتىكى بالكوندىن توۋلىدى:
- "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئىزدەۋاتامسىز؟
-ھەئە،شۇنداق –دەپ خىجىلچىلىق بىلەن جاۋاپ بەردىم.(ئۆزۇمنىڭ نىمە ئۇچۇن خىجىل بولغانلىقنى بىلمەيمەن،لىكىن ئۇبالا بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزۇمنى ئاشۇنداق ھىس قىلدىم.)
-ئارقا تەرەپتىكى بىنا شۇ
مەن بۇ ۋاقىتتا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇ يەرگە پامۇك تەسۋىرلىگەن- "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى كۇرۇش ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى ،بۇ مەھەللەدىكىلەرنىڭ قوللىردا بىنەپشە ۋە سۇس سېرىق رەڭلىك روماننى كۇتۇرۋالغانلارنىڭ كىشلەرنىڭ مۈزىي زىيارەتچىلىرى ئىكەنلىكنى بىلۋالايدىغانلىقنى بىلدىم. ئەتراپتىكى بىنالارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كونىلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ بىناغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بىنانىڭ دېرىزىلىرىدە ئاساسەن ئەينەك يوق ئىدى.بىنانىڭ سىرىتقى كۇرنىشدىن قارغاندا بىنادا ھىچكىم ئولتۇرمايتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بالا ماڭا قاراپ:
-ئىچى قۇپقۇرۇق،ئىچىدە ھىچنىمە يوق-دىدى.
-بۇ يەر مۈزە ئىدى ئەمەسمۇ؟
-بۇ بىنا قۇرۇق،ئىچىدە ھىچنىمە يوق-دىگىنچە بالكۇندىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بەلكى ئانىسغا يەنە بىر ئۇقۇرمەننىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغاندەك كەلدى ماڭا.
مەن بىناغا ئۇزۇن بىر قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ئۆيدىكى سەككىز يىللىق ئاشىقلىق ۋەقەلىرنى قايتا بىر قېتىم ئەسلىدىم. ۋە ئاستا ئاستا خۇددى كامال مەشۇقى فۇسۇندىن ئايرىلىشنى خالمىغاندەك ئاستا ئاستا مېڭپ بۇ كۇچىدىن چىقىپ كەتتىم.
بۇرۇن ئورخان مامۇكنى كۆپ ئاڭلىغان،تۈركىيەدە ياشغىنىمنىڭ ئەكىسچە بۇ كىشىنىڭ كىتابىدىن بىرەرنى ئۇقۇمىغانتىم. پامۇكنىڭ نوبېل مۇكاپات ئېلىشى بىر خىل سىياسى ئۇيۇننىڭ نەتىجىسى دەپ قارايتىم. بۇ توغرۇلۇق گىزىتلەردىن بىر قانچە پارچە ماقالە ئۇقۇغانتىم. ئورخان پامۇك ۋەئۇقۇغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەزلىرنىڭ كىيىنكى يىللاردا سۆزدە ئەرمەن قىرغىنچىلىقلىرغا چېتىلغانلىقى،پامۇكنىڭ قايسى بىر گىزىت بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبەتتە نىملەرنى دىگەنلىكى، ھىرانىت دىنىك....قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇقۇغانتىم. ئەسلىدە پامۇكنىڭ ھەققەتەن يازغۇچىلىق تالانتى باركەن.
روماننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلنىپ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن تىزرەك كۇرشىشىنى ئارزۇ قىلمەن. روماننى ئۇقۇش جەريانىدا بىزنىڭ بەزى رومانلارنىڭ ساپلا باشقا كىتاپتىن ئېلىنغان ئەقىليە سۆز بىلەن تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىدە بۇنىڭ ئارتۇق ئىش ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم.

بىزنىڭ يازغۇچىلىرمىزنىڭ بىر كۈنى نوبېىل مۇكاپاتى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممىنى ئوقۇش

Monday, August 3, 2009

يىلان بىلەن توشقان

يىلان بىلەن توشقان
بىر كۈنى يىلان توشقاننىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن قانۇن تۇزۇپ بەرمەكچى بولۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ "ئەگەر بىرى سېنىڭ زىمىن بىخەتەرلىگىڭگە تەھدىت سالسا سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھۇقۇقلۇق"-دەپتۇ.چۈشەندىم جاناپلىرى دەپتۇ تۇشقان ئىتائەتمەنلىك بىلەن. يىلان يەنە داۋاملاشتۇرۇپ"ئەگەر بىرى سېنىڭ ۋە بالاڭنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلسا سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلساڭ بولىدۇ"-دەپتۇ.
-رەھمەت،ئالىلىرى-دەپتۇ توشقان يەنە كىچىك پېئىللىق بىلەن. يىلان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
نەچچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يىلان ئۆزىنىڭ تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش ئۈچۈن توشقاننىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ ،تۇرالغۇسىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ قايتىپ كېتىپتۇ ۋە توشقاننىڭ كېلىپ ئەرز قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.بىر كۈن ئۆتۈپتۇ.ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ.توشقان كەلمەپتۇ.ئۈچىنچى كۈنىمۇ توشقان كەلمىگەندىن كېيىن يىلاننىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىپتۇ ۋە بېرىپ توشقاننىڭ باللىرىنى يېۋىتىپ قايتىپ كېتىپتۇ.
-قېنى،ئەمدى ئەرز قىلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي!-دەپ ئۇۋىسىدا توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.بىر كۈن ساقلاپتۇ،كەلمەپتۇ.ئىككى كۈن ساقلاپتۇ،كەلمەپتۇ.ئۈچىنچى كۈنى يىلاننىڭ غەزىپى چەككە يېتىپ توشقاننى ئىزلەپ مېڭىپ يولدا ئۇنى ئۇچرىتىپتۇ ۋە غەزەپ بىلەن ۋاقىراپتۇ:-نىمە ئۈچۈن ئەرز قىلغىلى كەلمەيسەن؟!!!
-جاناپلىرى،قانۇننى تۈزگەنمۇ ئۆزلىرى،بۇزغانمۇ ئۆزلىرى تۇرسىلا،مەن يەنە كىمنىڭ ئۈستىدىن كىمگە ئەرز قىلىمەن؟؟؟-دەپتۇ توشقان ھەيرانلىق بىلەن چۈشەنمەي.
بۇ سۆزنى ئىشتكەن يىلان توشقانغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي بۇغۇلۇپ كېتىپتۇ ۋە شۇ ئاچچىقىدا"كۇشششش"قىلغىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ توشقاننى يەۋېتىپتۇ.ئاندىن ئەتراپتىكىلەرگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.توشقاننىڭ مۇنداق گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.بىرىنچىدىن:قانۇننى قىلچە كۆزگە ئىلمىدى.ئىككىنچىدىن :توشقان قەستەن مەن بىلەن قېرىشىپ مېنى مازاق قىلدى
.مەنبە:كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان" خەنزۇ خەلق مەسەللىرىدىن تاللانمىلار"دىن ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئۆزلەشتۈرۈلدى.
شەبنەم تورى

ھەممىنى ئوقۇش

Sunday, August 2, 2009

مەۋلانانىڭ يەتتە نەسھىتى



مەرتلىكتە ۋە ياردەمدە ئاققان سۇدەك بول،

شەپقەت ۋە مەرھەمەتتە قۇياشتەك بول،

باشقىلارنىڭ قۇسۇرىنى يېپىشتا كىچەدەك بول،

ئاچچىقلانماق ۋە ئەسەبىلىكتە ئۆلۈكتەك بول،

ئاقكۆڭۇل ۋە ساددىلىقتا تۇپراقتەك بول،

يېقىملىقتا دېڭىزدەك بول،

يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن، يا كۆرۈنغنىڭدەك بول.

ھەممىنى ئوقۇش

Saturday, August 1, 2009

بېلىق ۋە سۇ

بېلىق ۋە سۇ
بېلىق سۇغا :-سەن مىنىڭ كۆز يېشىمنى ھىس قىلالمايسان؟! چۈنكى مەن سۇنىڭ ئىچىدە ياشايمەن
سۇ بېلىققا :-مەن سىنىڭ كۆز يېشىڭنى ھىس قىلالايمەن. چۈنكى سەن مىنىڭ قەلبىمدە،دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ

ھەممىنى ئوقۇش