خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Thursday, July 23, 2009

چۈنكى مەن ئادەم

چۈنكى مەن ئادەم
تاھىر تالىپ

بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى،
خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كېندىك قىنىم
تۇرغۇزدى مىنى يۆلەپ ساغلام پىتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم.

تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل _ چىمەننى ،
ئۆرىلەر قىر بېشىغا سەۋىر قاچام
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم ، .
دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،
دىلىدىن دىلىمغا نۇر _ يۇرۇق ئېلىپ .
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ .
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھىچ گەپ ئەمەس
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن
چېقىلسا قىلچە ئىززەت _ ھۈرمىتىمگە
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن . بەرقى مۇنبىرى,
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم
بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ ،
ۋە ياكى مۇتىھەملەر پالۋان بولسا
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ئازغان ئۈچۈن ،
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

ھوقۇقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
ئىتىقاد ، ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس ،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ قانات قىلغان
ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت _ ئۇچقۇن يانار
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم .

ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
كوممۇنىست _ ئىنسانىيەت چاكىرىمەن
لېكىن ، ھىچ بىر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا
جەڭچىمەن ،بىرەر كېمنىڭ قۇلى ئەمەس .بەرقى مۇنبىرى
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم

خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
غەزەلخان خەلقم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم _ ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دېگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان.
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى مەن _ ھىسياتلىق ھايات ئادەم .
1982 _ يىل ئاۋغۇست ، ئۈرۈمچى

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ