خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Wednesday, November 11, 2009

مۇستاپا كامال ۋە بۈگۈن


«ئىككى مۇستاپا كامال بار:
بىرى، مەن، پانىي مۇستاپا كامال. باشقا بىرسى خەلقنىڭ ئىچىدە ياشىغان مۇستاپا كامال غايىۋىدۇر. مەن ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىمەن. ھەر قانداق ۋاقىتتىكى خەتەرلىك ئەھۋالدا مەن ئوتتۇرىغا چىققان بولسام، مىنى بىر تۈرك ئانىسى تۇغدى ئەمەسمۇ؟
بىلىم خەلقنىڭكىدۇر، مىنىڭ ئەمەس. »
-1935- يىلىدىكى ئاتاتۈرك سۆزىدىن

بۈگۈن 10-نويابىر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەيدىغان كۈن. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىمگۇراتىينى ئىلگىرى سۇرۇش پىلانىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىدە ئوتتۇرىغا قۇيىدىغان كۈن بولغاچقا نەچچە كۈندىن بىرى جەمئىيەتتە تالاش-تارتىشلار بار ئىدى.

مەن ئەتىگەن قاراكۆيدىن ئۆتۈپ كىتىۋاقتاندا ئاتاتۈرك ھۆرمەت بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردۇق. بىلىشىمچە پۈتۈن تۈركىيىدە ئاشۇنداق قىلدى. مەن سۈكۈتتە تۇرغاچ ئەتراپتىكلەرنى كۆزەتتىم. دۆلەت مەمۇرلىرى سۈكۈت ئۇچۇن ئىدارە بىناسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ رەتلىك تىزىلىپ بولغان ئىدى. بىر دۆنەرچى پەشتاماللىرى بىلەن سۈكۈتتە تۇردى. يولدا كېتىۋاتقان كىشلەر جىممىدە تۇراتتى، ماشىنىلار بىر خىل سىگنال بېرىپ ھەرىكەتتىن توختاپ قالغان ئىدى. ئالدىمدا ئولتۇرغان ياش قىز ئورنىدىن تۇرۇشىغا مەنمۇ دەرھال ئىسىمگە يەتتى ۋە ئورنۇمدىن تۇردۇم. قارىسام بۇ يەردە ھېچكىم بۇنداق ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرمىدى ئەمما كىشلەر سىتىخىلىك ھالدا سۈكۈتتە تۇردى.

خەلق بۈگۈن مۇستاپا كامالغا سۈكۈتتە تۇردى، تېخىمۇ توغرىسىنى قىلىپ ئېيتقاندا خەلق ئىچىدە ياشىغان مەنىۋى مۇستاپا كامالغا سۈكۈتتە تۇردى. چۈنكى بۇ مۇستاپا كامال ئىسمى ئەخمەت، مەھمەت، رەجەپ، ئىسمەت، كازىم....قاتارلىق مىڭلىغان تۈرك ئەزىمەتلەرنىڭ ۋەكىلى ئىدى
.

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ