خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Wednesday, November 11, 2009

ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا!

ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا!
بازارنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ،
يات ئادەم ياتنى ئۆز بىلىدۇ،
كوچا ئەمەس سامانيولى
بۇتىرىكنى قىچقارساڭ ئۆلۈك كىلىدۇ.
دۈشمىنىم بەزدى، غېرىپلىق ئەزدى،
قولۇڭنى بەر، ئەي ياقا يۇرتلۇق.
يوقتىن كەلگەن يوققا قايتارمىز،
يوقاتقىنىمىز بولىدۇ قۇتلۇق.
ئۇيغۇر بولۇپ چىقتىم چەتئەلگە.
ئۆتتى گويا بىر كۈندە يۈز يىل.
كەچۈرمەيمەن دوستۇم قىيامەتكىچە
دۈشمىنىم رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىل.
ئات يايلى ئۆچتى سارغۇچ بەتلەردىن
باتۇرلۇق كۆچتى قىلىچلىق ئەردىن
ئۆلگەن كۆرەلمەس ئۆلتۈرگۈچىنى!
نامەردلەر مەرتلەردىن ئالار ئۆچىنى.
روھىمىزدا تاج خوراز تاجىدەك،-
يېڭىلدۇق بۈگۈنكى دۇنيا مېكىياندۇر.
ئەسىرلەر بويىغا يەتتى بىر- بىرلەپ
لېكىن ئەي قىزلار قېرىماس ئۇيغۇر.
ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا مەغرۇر
" دەرەخلەردە مۇڭ، ئۆيلەردە قەبرە.
قاتقان يەرلەردە قۇترايدۇ شەھۋەت
قاقشال سۈكۈتلەر گوياكى نەرە
ئۇيغۇر بولۇپ كوچىغا چىقتىم
غەمزىسى يات، ھۆل، قىزىق بازار.
ئۇيغۇر بولغۇم كەلدى مىڭ قېتىم
مۇھەببىتىم بۇلدۇقلاپ ئاقار
《ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرى 》

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ