خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Sunday, September 6, 2009

مۇھەببەت


جىبران خېلىل جىبران(1931~ 1833) دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى. ئۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئەرەب رومانتىزىم ۋە سىمۋولىزىم ئىلمىنى بەرپا قىلدى. ھەمدە يىڭى ئەدەبىيات يولىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگېتۇندا جىبراننى خاتىرلەپ، زۇڭتۇڭ بۇش ئۆزى لىنتا كەستى ۋە نۇتۇق سۆزلەپ «پۇتۇن دۇنيا جىبرانىڭ ئەينى يىللاردا كۆرسەتكەن نىشانىنى بويلاپ ئىلگىرلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى. تەرمىلەر سەھىپىمىزدە ئۇنىڭ «مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

مۇھەببەت چاقىرغاندا، سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، گەرچە مەنزىلى مۈشكۈل ھەم ئەگرى- توقاي بولسىمۇ ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار.
مۇھەببەت قانىتى سىلەرنى ئورىۋالغاندا، گەرچە پەيلىرىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان تىرناقلار يۈرىكىڭلارنى پارە- پارە قىلىۋەتسىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار.
مۇھەببەتنىڭ ئاۋازى گەرچە خۇددى زىمىسىتان شامىلى باغلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەنگە ئوخشاش شىرىن چۈشۈڭلارنى ئۈزۈپ تاشلىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار.
مۇھەببەت ساڭا تاج كىيدۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا سىنى دارغىمۇ ئاسالايدۇ. ئۇ سېنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرەلەيدۇ، سېنى كېسىپمۇ تاشلىيالايدۇ.
سەن گويا بىر باغلام بۇغداي، مۇھەببەت سېنى باغلايدۇ.
مۇھەببەت سېنى ئۇرۇپ- سوقۇپ سامىنىڭدىن ئايرىپ تاشلىيالايدۇ.
مۇھەببەت سېنى ئاسمانغا ئېتىپ سورۇيدۇ، تاسقايدۇ،ئادالايدۇ.
ئۇ سېنى تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا ئېزىپ، ئاپپاق ئۇنغا ئايلاندۇرىدۇ.
ناۋادا سەن گۇمانلىنىپ، خەۋپسىرەپ مۇھەببەتتىن پەقەت تىنچلىق ۋە شادلىق ئىزدىمەكچى بولساڭ، ئۇنداقتا مۇھەببەتنىڭ زىمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، پەسلىسىز دۇنيادا يۈرگىنىڭ ياخشى. پەسلىسىز دۇنيادا سەن خۇشاللىققا ئېرىشسەڭمۇ، بىراق ھەقىقىي كۈلەلمەيسەن. پەسىلسىز دۇنيادا ياشمۇ تۆكىسەن. لېكىن كۆز يېشىڭ تۈگەپ كەتكىدەك يىغلىيالماسەن. ئۇ يەردە چىدىغۇسىز ئازاپ ۋە ھەقىقىي شادلىقنى مەڭگۈ ئۇچرىتالمايسەن.
سەھەر ئويغانغىنىڭدا، مۇھەببەتلىك بىر كۈننىڭ قۇچاق ئاچقىنىغا خۇشاللىق بىلەن تەشەككۈر ئېيتقىن.
تىنىچ ئارام ئالغان چاغلىرىڭدا مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىنى خىيال قىل. كەچتە مىننەتدارلىق بىلەن ئۆيگە قايتقىن.
ئۇخلاش ئالدىدا سۆيگۈنىڭگە ئىزگۈلۈك تىلە،ياتار چېغىڭدا تىلاۋەت قىل. چۈنكى،سۆيۈلگۈچى سېنىڭ قەلبىڭدە، گۈزەل مەدھىيە لەۋلىرىڭدە.
.........
ئابدۇرازاق تەۋسىيەسى.
سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىنىڭ تەرمىلەر سەھىپسىدىن ئېلىندى
.

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ