خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Tuesday, September 1, 2009

تۈركىيىدە بىر رامىزان ئېيى

تۈركىيىدە رامىزان ئېيى باشقىچە ئۆتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىر بىرى بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ ھەمكارلىشىش روھى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. مەن بۇ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردىن بەزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئىپتارغا چاقىرىش: مەن كىچىك ۋاقتىمدا يۇرتىمىزدا كىشلەر ئۆيلىرىگە ئىپتارغا چاقىراتتى. كېتەر ۋاقتىدا كەلگەن مېھمانغا نان ھەدىيە قىلاتتى، تەبىئىى كەلگەن مېھمان يېقىن ئۇرۇق تۇغقان بولسا ياخشى بىر داستىخان قىلىپ يولغا سالاتتى(جەنۇپتا بەزى يەرلەردە مىھمانغا بارسا داستىخان قىلىپ بارىدىغان كەتكەندە يەنە داستىخان قىلىپ ئۇزىتىدىغان ئادەت بار). بۇ يەردە كىشلەر كۆپىنچە ئوپچى ئىپتار قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرغان ئىپتار چىدىرلىردا نۇرغۇن كىشلەر بىللە ئىپتار قىلىدۇ. مەن تۈركىيىگە يېڭى كەلگەندە بۇ يەرگە بۇ خىل يىمەكلەرگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر كېلىدۇ دەپ ئويلىغان كىيىن قاراپ باقسام ھال ئەھۋالى ياخشى كىشىلەرمۇ كېلىدىكەن. ئۇلار كۆپ ئادەم بىلەن بىللە ئىپتار قىلماق ئۈچۈن كىلىدىكەن. بولۇپمۇ بەزى پويىز ئستانسى ، ئاپتۇبۇس ئىستانسىغا يېقىن يەرلەردە قۇرۇلغان چېدىرلار نۇرغۇن كىشلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
رامىزان جەدۋىلى تارقىتىش: رامزانغا ئاز قالغاندا ياكى باشلانغاندا زولۇق ياكى ئىپتار ۋاقىتلىرى، ناماز ۋاقىتلىرى گۈزەل دۇئالاردىن تەركىپ تاپقان جەدۋەللەرنى ھەقسىز تارقىتىدۇ. بۇ جەدىۋەللەردە مەلۇم دۇكاننىڭ مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ.
تاراۋى نامىزى: نۇرغۇنلىغان جامئىلەردە تاراۋى نامىزى قىلىنىدۇ. بەزسىدە قۇرئان كەرىمىنى پۈتۈنلەي بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىدۇ.
رامىزان يېمەكلىرى: تۈركىيىدە بەزى يېمەكلەرنى پەقەت رامىزان ئېيدىلا كۆرەلەيسىز. مەسىلەن: رامىزان پىدەسى، رامىزان تۈرمىلىرى.
رامزان ئېيىدىكى ئاخشام كونسەرلىرى: نۇرغۇنلىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ ئايدا كىشىلەرنىڭ ئاخشاملىرى دەپ ئېلىشى ئۇچۇن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تەرتىپلەيدۇ. بۇلار پۈتۈنلەي ھەقسىز. مەسلەن: سۇلتان ئەخمەت مەيدانى، ئەييۇپ سۇلتان جامى ئالدى...قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ئاداپازىرى ھۆكۈمىتى شەھەر مەيدانىغا نۇرغۇنلىغان ئويۇنچۇق ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كەلتۈرۈپ نورمالدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ باغچىلاردا كۆرىدىغان نەرسىلەرنى خەلققە ھەقسىز ئېچىۋېتىدۇ. بالىلار كەچتە بۇ يەردە تازا ئوينايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ يەرگە بالىلىرىنى ئېلىپ كىلىپ بىر ئائىلە بۇيىچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
دۇمباق ئاۋازى: ئەتىگەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشى ئۇچۇن دۇمباق ئاۋازلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنى نۇرمالدا يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ.
زەمبىرەك ئاۋازى: زولۇق ۋاقتى توشقاندا ياكى ئىپتار باشلانغاندا زەمبىرەك(توپ) ئېتىش ئارقىلىق ۋاقىتنى بىلدۇرىدۇ. تۈركلەر بۇنىڭغا بەكلام كۆنۈپ قالغان بولغاچقا ۋاقىت توشسىمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىسا ئېغىز ئاچمايدۇ.
لوزۇنكا: رامزاندا ھەرخىل سىياسى پارتىيە ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇشلار ھەر خىل لوزۇنكىلارنى يوللارغا ئېسىۋېتىدۇ. بەزى يەرلەر كىچىك چىراغلار ئارقىلىق بەزى جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسلەن: "خوش كەلدىڭ!"،"روزا، تۇت بىزنى" دىگەندەك
.

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ