خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Wednesday, August 5, 2009

مەسۈمىيەت مۇزېيى

مەسۈمىيەت مۇزېيى

"ھاياتىمنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرمىش،بىلمەپتىكەنمەن"
نوبېل مۇكاپاتى ئالغان يازغۇچى ئورخان پامۇكنىڭ ئالتە يىل ئىزدەنگەن ئاشىق رومانى بۇ سۆزلەر بىلەن باشلىندۇ....
"مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئۇقۇغان ۋاقتىمىزدا يالغۇز ئاشىقلىق ئۇستدىلا ئەمەس،تۇرمۇش،دوستلۇق،جىنسەللىك،ئائىلە ۋە بەخىت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرڭىزغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە كىتابنىڭ رەڭگارەڭ دۇنياسىدىن ھىچ ئايرىلغىڭىز كەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلسىز.
مەن كىتابنى ئۇقۇپ بۇلۇپ بىر ھەپتىگىچە بۇ كىتاپتىكى ۋەقە ۋە ئىنسانلار ھەققىدە قايتا قايتا ئويلاندىم.بۇگۇن ئەتگەن روماندىكى كامالنىڭ ماڭغان يوللىرنى ماڭدىم. كىتاپنىڭ ئاخىردىكى خەرىتىگە ئاساسەن "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئىزدەپ تاپتىم. يولا ماڭغۇچە ھىچكىمدىن يول سۇرمىدىم،ئاستا ئاستا كامال سەككىز ماڭغان يولدا كىتاپتىكى خەرتىگە ئاساسەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن كۇزتىشكە تىرىشتىم.
رومان1975يىلىنىڭ بىر باھار كۇنى باشلىنىپ كۇنۇمىزگەقەدەر كەلگەن ئىستانبۇللۇق باي بالىسى كامال بىلەن ئۇزاق ۋە يوقسۇل تۇققىنى فۇسۇننىڭ ھىكايىسى.كتاپتىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھالىتى شۇنداق ياخشى تەسۋىرلەنگەن،ئىنسانلارنىڭ ھىسياتى شۇنداق ئىنچىكلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن. كىتاپتا ئەللىك يەتتە بەتكە سۇزۇنلغان بىر چاي ئىچۇرۇش مۇراسىمى تەسۋىرلەنگەن. بۇ چاي ئىچۇرۇش مۇراسىمى ئەڭ كۆپ بولسا بەش سائەت داۋاملاشقان.
مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ چۇقۇرجۇما كوچىسدىن چۇشۇۋاتاتتىم. سومكامدىن روماننى چىقىرىپ "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نىڭ ئورنىنى جەزىلەشتۇرمەكچىتىم،تۇساتتىن سەككىز تۇققۇز ياشلاردىكى بىر بالا ئۇچىنجى قەۋەتتىكى بالكوندىن توۋلىدى:
- "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى ئىزدەۋاتامسىز؟
-ھەئە،شۇنداق –دەپ خىجىلچىلىق بىلەن جاۋاپ بەردىم.(ئۆزۇمنىڭ نىمە ئۇچۇن خىجىل بولغانلىقنى بىلمەيمەن،لىكىن ئۇبالا بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزۇمنى ئاشۇنداق ھىس قىلدىم.)
-ئارقا تەرەپتىكى بىنا شۇ
مەن بۇ ۋاقىتتا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇ يەرگە پامۇك تەسۋىرلىگەن- "مەسۈمىيەت مۇزېيى "نى كۇرۇش ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى ،بۇ مەھەللەدىكىلەرنىڭ قوللىردا بىنەپشە ۋە سۇس سېرىق رەڭلىك روماننى كۇتۇرۋالغانلارنىڭ كىشلەرنىڭ مۈزىي زىيارەتچىلىرى ئىكەنلىكنى بىلۋالايدىغانلىقنى بىلدىم. ئەتراپتىكى بىنالارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كونىلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ بىناغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بىنانىڭ دېرىزىلىرىدە ئاساسەن ئەينەك يوق ئىدى.بىنانىڭ سىرىتقى كۇرنىشدىن قارغاندا بىنادا ھىچكىم ئولتۇرمايتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بالا ماڭا قاراپ:
-ئىچى قۇپقۇرۇق،ئىچىدە ھىچنىمە يوق-دىدى.
-بۇ يەر مۈزە ئىدى ئەمەسمۇ؟
-بۇ بىنا قۇرۇق،ئىچىدە ھىچنىمە يوق-دىگىنچە بالكۇندىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بەلكى ئانىسغا يەنە بىر ئۇقۇرمەننىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغاندەك كەلدى ماڭا.
مەن بىناغا ئۇزۇن بىر قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ئۆيدىكى سەككىز يىللىق ئاشىقلىق ۋەقەلىرنى قايتا بىر قېتىم ئەسلىدىم. ۋە ئاستا ئاستا خۇددى كامال مەشۇقى فۇسۇندىن ئايرىلىشنى خالمىغاندەك ئاستا ئاستا مېڭپ بۇ كۇچىدىن چىقىپ كەتتىم.
بۇرۇن ئورخان مامۇكنى كۆپ ئاڭلىغان،تۈركىيەدە ياشغىنىمنىڭ ئەكىسچە بۇ كىشىنىڭ كىتابىدىن بىرەرنى ئۇقۇمىغانتىم. پامۇكنىڭ نوبېل مۇكاپات ئېلىشى بىر خىل سىياسى ئۇيۇننىڭ نەتىجىسى دەپ قارايتىم. بۇ توغرۇلۇق گىزىتلەردىن بىر قانچە پارچە ماقالە ئۇقۇغانتىم. ئورخان پامۇك ۋەئۇقۇغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەزلىرنىڭ كىيىنكى يىللاردا سۆزدە ئەرمەن قىرغىنچىلىقلىرغا چېتىلغانلىقى،پامۇكنىڭ قايسى بىر گىزىت بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبەتتە نىملەرنى دىگەنلىكى، ھىرانىت دىنىك....قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇقۇغانتىم. ئەسلىدە پامۇكنىڭ ھەققەتەن يازغۇچىلىق تالانتى باركەن.
روماننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلنىپ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن تىزرەك كۇرشىشىنى ئارزۇ قىلمەن. روماننى ئۇقۇش جەريانىدا بىزنىڭ بەزى رومانلارنىڭ ساپلا باشقا كىتاپتىن ئېلىنغان ئەقىليە سۆز بىلەن تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىدە بۇنىڭ ئارتۇق ئىش ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم.

بىزنىڭ يازغۇچىلىرمىزنىڭ بىر كۈنى نوبېىل مۇكاپاتى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ