خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Saturday, August 8, 2009

لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى

لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
قارا ھىجران،دەرتكە قىلىپ ئانىلار ،
پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار ،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دادىلار ،
سىغىنىشتىن چوڭايسىمۇ ياىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

كىلىپ راسا ئوقۇي دىگەن نىيەتكە ،
كىلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كىرەككە ،
ئىلىم -پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە ،
ئارمانلىرىم ئارام بەرمەي يۇرەككە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
سۈرۈشتۈرسەم سانى يۈزدىن ئاشارمىش ،
ھەەر تەرەپتە ،ھەر شەھەردەياشارمىش ،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تامارمىش ،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

لوندون دىگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن ،
پۇرسەتمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن ،
ھەر قەدىمى پۇلغا تولغان شەھەركەن ،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

خىنىملاردەك تارتتى مىنى جىلۋىسى ،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىككە ھىلىسى ،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى ،
دەردمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
<زىيالى ئادەم >دىگەن ئاتاققا ،
كىلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا ،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ ياتاقتا ،
غەم قاينايدۇ كاللا دىگەن قاپاقتا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

بىلگەنلىرى مىنى ھۆرمەت قىلىشتى ،
بوسۇغامغا زىيارەتكە كىلىشتى ،
بەزىلىرى تۇز ھەم تائام بىرىشتى ،
قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئىرىشتى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن ،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن ،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن ،
ياشاش دىگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .
بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار ،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار ،
بەزىسىنىڭ بەزىسىنىڭ دەردى بار ،
يۈرىكىدە شەلۋەرلەنگەن دەزى بار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
قاراپ باقسام قىزلارمۇ بەك شاش ئىكەن ،
قاش كۆزلىرى چىرايلىقكەن شاش ئىكەن ،
قىلغانلىرى بىر بىرىگە پاش ئىكەن ،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

قىز -ئوغۇلللار بىر-بىرىنى ياراتماي
بىر- بىرىنى بوسۇغىغا يولاتماي ،
ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي ،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى يولاتماي ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە ،
خەلق ئارىسىدا بوپ قالىسەن بىچارە ،
تاپشۇرمىساڭ ئۆزۋاقتىدا ئىجارە ،
تالادىسەن .سەرسانلىقتا ئاۋارە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

ئىشلىگەندە قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا ،
غايىلەرمۇ دەسلىنىپتۇ بىر ياققا ،
مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا؟
كىلەچەككە ئاخىرى يوق سوراققا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چىچىلىپ ،
بەزى تۇتۇق بەزىلەردە ئىچىلىپ ،
ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئىچىنىپ ،
خىزمەت قىلسا قىزغىنىشتا ئىچىنىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار

دەييمەن ئانا ۋەتەننى ئۇنۇتما ،
ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما ،
ئۆز ئىلىڭگە
ئاسىيلىقنى يولاتما ،
يۈرىكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار
2006-يىل دىكابىر (لوندون )
تورداشلار بۇ شىئىر داڭلىق يارغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى لوندۇنقا
ئوقۇشقا بارغاندا شۇيەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلاردىن ئالغان تەسىرى ئىكەن يىقىندا <شىنجاڭ مەدىنىيىتى > زورنىلڭنىڭ 2007-يىللىق 6-سانىدا بىسىلىپتۇ .

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ