خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Monday, August 3, 2009

يىلان بىلەن توشقان

يىلان بىلەن توشقان
بىر كۈنى يىلان توشقاننىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن قانۇن تۇزۇپ بەرمەكچى بولۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ "ئەگەر بىرى سېنىڭ زىمىن بىخەتەرلىگىڭگە تەھدىت سالسا سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھۇقۇقلۇق"-دەپتۇ.چۈشەندىم جاناپلىرى دەپتۇ تۇشقان ئىتائەتمەنلىك بىلەن. يىلان يەنە داۋاملاشتۇرۇپ"ئەگەر بىرى سېنىڭ ۋە بالاڭنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلسا سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلساڭ بولىدۇ"-دەپتۇ.
-رەھمەت،ئالىلىرى-دەپتۇ توشقان يەنە كىچىك پېئىللىق بىلەن. يىلان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
نەچچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن يىلان ئۆزىنىڭ تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش ئۈچۈن توشقاننىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ ،تۇرالغۇسىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ قايتىپ كېتىپتۇ ۋە توشقاننىڭ كېلىپ ئەرز قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.بىر كۈن ئۆتۈپتۇ.ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ.توشقان كەلمەپتۇ.ئۈچىنچى كۈنىمۇ توشقان كەلمىگەندىن كېيىن يىلاننىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىپتۇ ۋە بېرىپ توشقاننىڭ باللىرىنى يېۋىتىپ قايتىپ كېتىپتۇ.
-قېنى،ئەمدى ئەرز قىلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي!-دەپ ئۇۋىسىدا توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ.بىر كۈن ساقلاپتۇ،كەلمەپتۇ.ئىككى كۈن ساقلاپتۇ،كەلمەپتۇ.ئۈچىنچى كۈنى يىلاننىڭ غەزىپى چەككە يېتىپ توشقاننى ئىزلەپ مېڭىپ يولدا ئۇنى ئۇچرىتىپتۇ ۋە غەزەپ بىلەن ۋاقىراپتۇ:-نىمە ئۈچۈن ئەرز قىلغىلى كەلمەيسەن؟!!!
-جاناپلىرى،قانۇننى تۈزگەنمۇ ئۆزلىرى،بۇزغانمۇ ئۆزلىرى تۇرسىلا،مەن يەنە كىمنىڭ ئۈستىدىن كىمگە ئەرز قىلىمەن؟؟؟-دەپتۇ توشقان ھەيرانلىق بىلەن چۈشەنمەي.
بۇ سۆزنى ئىشتكەن يىلان توشقانغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي بۇغۇلۇپ كېتىپتۇ ۋە شۇ ئاچچىقىدا"كۇشششش"قىلغىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ توشقاننى يەۋېتىپتۇ.ئاندىن ئەتراپتىكىلەرگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتۇ.توشقاننىڭ مۇنداق گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.بىرىنچىدىن:قانۇننى قىلچە كۆزگە ئىلمىدى.ئىككىنچىدىن :توشقان قەستەن مەن بىلەن قېرىشىپ مېنى مازاق قىلدى
.مەنبە:كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان" خەنزۇ خەلق مەسەللىرىدىن تاللانمىلار"دىن ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئۆزلەشتۈرۈلدى.
شەبنەم تورى

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ