خوش كەلدىڭىز

كۈركۈم گۈلى بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بۇ بلوگ UKIJ TUZ TOM خەت نۇسخىسنى ئىشلەتمەكتە.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۇچۇن بلوگ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان بلوگباس مۇلازىمىتېر سۇپىسىغا يۆتكەلدى.

http://kurkumguli.blogbus.com







Friday, August 14, 2009

تۇغۇلمىغان ئوخشايمەن

تۇغۇلمىغان ئوخشايمەن
ئىمىن ئەخمىدى
قايسى بىر تۆھپىگە ياندۇرىمەن شام.
ئانام جىن چىراغدا بەزلەيدۇ تۈننى،
ماڭا ھومايغانچە قارايدۇ تۆت تام.
سۈتتەك ئاق داستىخان يۈزىدە ئەپسۇس،
ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلاتتى ئەجەپ.
پۇشايمان ياشلىرىم ئېقىشقا خىجىل،
تىزىلغان تائاملار كەتتى ئېسىدەپ.
شىرەنىڭ ئۈستىدە كونا كالىندار
باھار سەلكىنىدە قالدى يېيىلىپ.
كۆرۈنەەندەك بولدى كۆزلىرىمگە دار،
چىقتىم بوسىغىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ.

ئانام ئوقىمىغان داداممۇ شۇنداق،
تۇغۇلغان كۈنۈمنى يېزىپ قويمىغان.
لېكىن مېنىڭدەك بىر ئوغلى بولغانغا ،
پەخىرلەنگەن ھەردەم، قاراپ تويمىغان.
چوڭ بولدۇم، ئەللىك يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،
ئانامنىڭ يۈزىدە يىللار بەلگىسى.
مېنى ئۇزاتقاندا سۆزلىگەن دادام:
-ئەمدى ساڭا قالدى ئۆينىڭ كەلگۈسى.......
سەپسالدىم ئېغىلغا، قېرىغان ئۆكۈز ،
چىشلىرى تۆكۈلگەن، يېيەلمەيدۇ يەم.
بۇلۇڭدا قىڭغايغان كوغا چىغىرىق،
قانتى سۇنغان چاق، تانىسىدا نەم.
قوناقنىڭ شېخىدا ئۆرتىنىپ دىلى،
نۇمۇستىن يېرىلىپ كېتىپتۇ ئوچاق.
تاپقاننىڭ ھەممىسى ماڭا كېتىپتۇ،
جاپاكەش دادامنىڭ شاقىلىدا اق.
ئۇلارمۇ تۇغۇلغان بولغىيدى بىر كۈن،
باردۇر ئۇلاردىنمۇ شۇ كۈنگە ئارمان.
چۈشەندىم، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
يا يامغۇر، يا بورا ئىچىدە قالغان.........
مەن تۇغۇلغان كۈن دەلەرمۇ ئانام.
ناۋادا بالام يوق سېنىڭدەك دېسە،
بولمامدۇ ئۆمرۈمگە تىرىكلىك ھارام.

نىمە دەپ ئۆتكۈزەي تۇغۇلغان كۈننى ،
زادى مەن قايسى كۈن تۇغۇلغاندىمەن؟
راست تۇغۇلغان بولسام ئىزلىرىم قېنى،
ئانامغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن....
-----------------------------------------------------
مەنبەسى: ‹‹تارىم» ژورنىلى 1995-يىللىق 9- سانندىن ئېلىندى.
ئاپتۇرى: ئىمىن ئەخمىدى

Post a Comment

ئنكاس يېزىڭ